شى جىنپىڭ گرېتسىيە زۇڭتۇڭى پاۋلوپوۋلوس بىلەن سۆھبەتلەشتى

2019.11.12 14:40 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ جاي ۋاقتى 11- نويابىر، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئافېنادا گرېتسىيە زۇڭتۇڭىپاۋلوپوۋلوس بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەدەنىيلىك سۆھبىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن شەرق-غەرب مەدەنىيەتلىك قەدىمىي دۆلەتلىرىنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى تەقدىم قىلىشقا بىردەك قوشۇلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەن مەدەنىيەتكە بولغان ھۆرمىتىم ۋە كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىدىم بىلەن گرېتسىيەگە كەلدىم. ئىككىمىز ئارا قىلىنغان ھەر قېتىمقى سۆھبەت ۋە جۇڭگو بىلەن گرېتسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ھەر قېتىمقى پىكىر ئالماشتۇرۇشنىڭ نەتىجىسىدە، بىزدە «قەدەھ كۆتۈرۈشۈپ سىرداشقاندا مىڭ قەدەھمۇ ئازلىققىلار» دېگەندەك ئورتاق بىر ھېس پەيدا بولماقتا. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، جۇڭگو بىلەن گرېتسىيە مەدەنىيەتلىك ئىككى چوڭ قەدىمىي دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئوخشاش ئىدىيەگە ئىگە، بىز پەقەت ئىنتايىن جاپالىق كۈرەشلەرنى باشتىن كەچۈرگەندىلا، ئاندىن دۆلەتنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ خىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرالايمىز. پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش بولسا، مەدەنىيەت تەرەققىياتىنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپى. جۇڭگو بىلەن گرېتسىيەنىڭ دوستلۇقى ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىقى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئىككى چوڭ مەدەنىيەتنىڭ سۆھبىتىدۇر. بۈگۈنكى دۇنيا يۈز يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرمەكتە. مەن ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق تىرىشىپ، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھالقىما مەدەنىيەت نەتىجىلىرى ئارقىلىق، تەڭ قوبۇل قىلىدىغان مەدەنىيەت ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ ئادىل ۋە مۇۋاپىق خەلقئارا تەرتىپىنى تەشەببۇس قىلىپ، جۇڭگو بىلەن گىرېتسىيەدىن ئىبارەت ئىككى مەدەنىيەتلىك قەدىمىي دۆلەتنىڭ يېڭى دەۋردە يېڭى تۈسكە ئىگە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ