شى جىنپىڭ گرېتسىيە زۇڭلىسى مىزوتاكىس بىلەن سۆھبەتلەشتى

2019.11.12 14:45 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ جاي ۋاقتى 11- نويابىر، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئافېنادا گىرېتسىيە زۇڭلىسى مىزوتاكىس بىلەن سۆھبەتلەشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى، زۇڭلى ئەپەندى ئۆمەك باشلاپ شاڭخەيگە بېرىپ، 2- نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە قاتناشتى. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، گىرېتسىيەنىڭ بۇ قېتىمقى يەرمەنكىدە پۈتۈشۈش سوممىسى ئالدىنقى نۆۋەتلىك يەرمەنكىدىن 2.5 ھەسسە ئاشقان. جۇڭگو ئېچىۋېتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي كېڭەيتىپ، گىرېتسىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت يارىتىپ بېرىشنى خالايدۇ. جۇڭگو ۋە گرېتسىيە مۇناسىۋىتىدە ئىككى چوڭ تۈگۈن بار، بىرى، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، يەنە بىرى، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىق. مەدەنىيەتلىك ئىككى قەدىمىي دۆلەت قول تۇتۇشۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت يارىتىپ، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ