شى جىنپىڭ گرېتسىيەنىڭ سابىق زۇڭلىسى چىپراس بىلەن كۆرۈشتى

2019.11.13 16:24 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ جاي ۋاقتى 12- نويابىر، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ گرېتسىيەنىڭ سابىق زۇڭلىسى چىپراس بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ چىپراسنىڭ گرېتسىيە زۇڭلىسى بولۇپ تۇرغان مەزگىللەردە ئۇنىڭ جۇڭگو-گرېتسىيە دوستلۇق ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا ئاپىرىن ئوقۇدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: دۆلەتلەر ئارا ئالاقىدە مەنپەئەتنى تەكىتلەش دەرۋەقە مۇھىم، ھەققانىي روھقا ئەھمىيەت بېرىش تېخىمۇ مۇھىم. باشقىلارغا ياردەم قىلسىڭىز، ئۆزىڭىزمۇ خۇشاللىق ھېس قىلىسىز. جۇڭگو گرېتسىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ پۇل مۇئامىلە كرىزىسىنىڭ تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇشىنى قەتئىي قوللايدۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى قەتئىي ئىلگىرى سۈرىدۇ. مەن گرېتسىيە ئىقتىسادىنىڭ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇپ، ئېشىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكىنى، جۇڭگو-گرېتسىيە ھەمكارلىقىدىمۇ مۇھىم نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىنى، بولۇپمۇ پىرائېئۇس پورتى تۈرىدە يەنە يېڭى ئىلگىرىلەش بولغانلىقىنى، ھەمدە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنى خۇشاللىق بىلەن كۆردۈم. بىز شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، جۇڭگو بىلەن گىرېتسىيەنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشى گرېتسىيەنىڭ رايون قاتناش ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنى بولۇش نىشانىغا يېتىشىگە ياردەم بېرىدۇ، جۇڭگو-ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ھەمكارلىقىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولىدۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ كەلگۈسى ھەمكارلىق ئىستىقبالى تېخىمۇ پارلاق بولىدۇ. مەن سىزنىڭ ۋە سىز رەھبەرلىك قىلغان پارتىيەنىڭ جۇڭگو-گرېتسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى داۋاملىق قوللىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ