شى جىنپىڭ گرېتسىيە زۇڭتۇڭى پاۋلوپوۋلوس بىلەن بىرلىكتە ئافېنا قەلئەسى مۇزېيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى

2019.11.13 16:13 مەنبە: خەلق تورى

  

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ جاي ۋاقتى 12- نويابىر، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن گرېتسىيە زۇڭتۇڭى پاۋلوپوۋلوس ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسىنىڭ ھەمراھلىقىدا ئافېنا قەلئەسى مۇزېيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

  ئوتتۇرا يەر دېڭىزىنىڭ ئىللىق قۇياش نۇرى كۆرگەزمە زالىنىڭ ئەينەك پەردە تېمىدىن ئۆتۈپ كۆرگەزمە زالىغا چېچىلغان ئىدى، قەدىمكى يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى شەخسلەر خۇددى تىرىكتەك كۆرۈنەتتى، ئىمارەتلەرمۇ گۈزەللىك ۋە كۈچ-قۇدرەتنى نامايان قىلاتتى، ئۇلار گرېتسىيە كلاسسىك سەنئىتىنىڭ پارلاق نۇرىنى بايان قىلاتتى، كىشىلەرنى خۇددى تارىخىي مۇساپىدە سەيلە قىلىۋاتقاندەك بىر خىل تۇيغۇغا سېلىپ، مەدەنىيەت كارتىنىسىغا مەپتۇن قىلىۋېلىپ تۇراتتى.

  ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ۋە رەپىقىلەر مۇزېي كۆرگەزمە چۈشەندۈرۈشىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى. شى جىنپىڭ پات-پات تەپسىلىي سوراپ تۇردى، ھەمدە قەدىمىنى توختىتىپ كۆرگەزمىلەردىن ھۇزۇرلاندى. كەيپى كەلگەندە پاۋلوپولوس ئۆزىمۇ تونۇشتۇرۇپ تۇردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ