خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ جاي ۋاقتى 11- نويابىر كەچتە، گرېتسىيە زۇڭتۇڭى پاۋلوپوۋلوس ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەننى قارشى ئېلىپ كۈتىۋېلىش زىياپىتى بەردى.
شى جىنپىڭ تەبرىك سۆزىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: گرېتسىيە غەرب مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكى بولۇپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۆچمەس تەسىر كۆرسەتتى. جۇڭگو بىلەن گىرېتسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 47 يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپ ئىزچىل تۈردە بىر-بىرىنى ھۆرمەتلەپ، بىر-بىرىنى چۈشىنىپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم ئىشلىرىنى قوللاپ كەلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ