مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا باشلاش قۇرۇلۇشىنىڭ كېيىنكى خىزمىتى يىغىنى ئېچىلغاندا مۇنۇلار تەكىتلەندى:

جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا باشلاشنىڭ كېيىنكى قۇرۇلۇشى قاتارلىق زور سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئۈنۈملۈك مەبلەغ سېلىشقا تۈرتكە بولۇپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلققە بەخت يارىتىش كېرەك

2019.11.19 16:26 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا باشلاش قۇرۇلۇشىنىڭ كېيىنكى خىزمەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، كېيىنكى قۇرۇلۇش ۋە سۇچىلىق قۇرۇلۇشى قاتارلىق خىزمەتلەرنى تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى.

  يىغىندا سۇچىلىق مىنىستىرلىقى بىلەن تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مەسئۇللىرى جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا باشلاش قۇرۇلۇشىنىڭ كېيىنكى ئومۇمىي پىلانىنى دوكلات قىلدى. لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا باشلاش قۇرۇلۇشىنىڭ شەرقىي لىنىيە ۋە ئوتتۇرا لىنىيە 1- قارارلىق قۇرۇلۇشى پۈتكەندىن بۇيان، قۇرۇلۇش سۈپىتى ۋە سۇ سۈپىتى قاتارلىقلار سىناققا بەرداشلىق بېرىپ، سۇ بىلەن تەمىنلەش بىخەتەرلىكى ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، لىنىيە بويىدىكى رايونلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ۋە ئېكولوگىيەگە سۇ ئىشلىتىشتە زور رول ئوينىدى، بىۋاسىتە مەنپەئەتلىنىدىغان ئاھالە 100 مىليوندىن ئاشتى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە ئېكولوگىيەلىك ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى. بۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىرلىرىنىڭ تامامەن توغرا ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شۇنىمۇ كۆرۈش كېرەككى، ھازىرقى بىز سۇ بايلىقى كەمچىل بولغان، ئۇنىڭ زامان ۋە ماكان جەھەتتىكى تارقىلىشى تەكشى بولمىغان ۋەزىيەت تۇرماقتىمىز. بۇ خىل ۋەزىيەت ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى بوغۇپ تۇرىۋاتقان ئاساسلىق ئامىللارنىڭ بىرى بولماقتا، بۇ خىل ۋەزىيەت شىمالىي جۇڭگو رايونلىرى ۋە غەربىي شىمال رايونلىرىدا ئالاھىدە گەۋدىلىك بولماقتا. شىمالىي جۇڭگونىڭ يەر ئاستى سۈلىرى ئېغىر دەرىجىدە زىيادە تارتىپ چىقىرىلىپ ئىشلىتىلگەن ۋە ئېغىر دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرىغان بولغاچقا، ھازىر سۇ ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋەزىپىسى ناھايىتى ئېغىر بولماقتا. نوپۇسنىڭ كۆپۈيۈش مىقدارىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، سۇ بايلىقى جەھەتتە تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت يەنىمۇ كەسكىنلىشىدۇ. بۇ يىل جەنۇبتىكى قىسمەن ئۆلكىلەردە ئۇدا قۇرغاقچىلىق بولدى، نەتىجىدە، سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە قۇرۇلۇش خاراكتېرلىك سۇ يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئىشلىرىغا جىددىي تەلەپلەر قويۇلدى. سۇ بايلىقى ئەندىزىسى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەلگىلەيدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇنىيەتكە ئەمەل قىلىپ، مەسىلىگە تارىخىي نەزەر ۋە ئومۇمىيەت نەزىرى بىلەن قاراپ، سۇ يېتەرسىزلىكىنى تولۇقلاشتا جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا باشلاشنىڭ كېيىنكى قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە زور قۇرۇلۇشلارنى پىلانلاش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش شەرت. بۇ، ھازىرقىلارغا ۋە كېيىنكىلەرگە پايدىلىق، ھەم شۇنداقلا نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي بېسىمغا تاقابىل تۇرۇش، ئۈنۈملۈك سېلىنما ئىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشنى كۆپەيتىش قاتارلىقلارغا پايدىلىق.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ