شى جىنپىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى سودا-سانائەت مۇنبىرىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ۋە مۇھىم سۆز قىلدى

2019.11.15 16:58 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ جاي ۋاقتى 11-ئاينىڭ 13-كۈنى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى سودا- سانائەت مۇنبىرىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمى بىرازىلىيەدە ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى. بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى بولسونارو، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن، ھىندىستان زۇڭلىسى مودى، جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى رامافۇسا بىرلىكتە يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بىر مەزگىلدىن بۇيان، دۇنيا ۋەزىيىتىدە يەنە نۇرغۇن يېڭى ئۆزگىرىش بولۇپ، ھەم پۇرسەت، ھەم نۇرغۇن خىرىسقا تولدى. يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن-تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشىنىڭ ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى تەدرىجىي قويۇپ بېرىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنىڭ ئىلگىرىلىشى ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى زېمىن ئاچتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە قورۇقچىلىق، زومىگەرلىك ئېقىمغا قارشى ھەرىكەت قىلىپ، خەلقئارا سودا ۋە مەبلەغ سېلىشقا زەربە بېرىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمىنى ئېغىرلاتتى. كارخانىلار ئىشەنچكە تولسىلا، بازار ھاياتىي كۈچكە تولىدۇ. سودا-سانائەت ساھەسىدىكى دوستلارنىڭ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ئەۋزەللىكىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىغا ئاكتىپ قاتنىشىپ ۋە تۈرتكە بولۇپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىدە تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەبلەغ سېلىپ، كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈش، ئېشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىش ئۈچۈن ئەمەلىي تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ