شى جىنپىڭ ھىندىستان زۇڭلىسى مودى بىلەن كۆرۈشتى

2019.11.15 15:33 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ جاي ۋاقتى 13- نويابىر، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىرازىلىيەدە ھىندىستان زۇڭلىسى مودى بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېقىندا مەن سىز بىلەن چىننەيدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇچرىشىپ، خەلقئارا ۋە رايون ۋەزىيىتى ھەمدە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدىكى مۇھىم مەسىلىلەر ئۈستىدە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ناھايىتى ياخشى پاراڭلاشتۇق. ئىككى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىز ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، چىننەي ئۇچرىشىشىنىڭ ئىجابىي ئۈنۈمىنى كېڭەيتتى. ئالدىنقى ھەپتە ھىندىستان ئاساسلىق مېھمان دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن 2- نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە قاتناشتى. ئىگىلىنىشىچە، ھىندىستان تەرەپنىڭ پۈتۈشۈش سوممىسى ئالدىنقى نۆۋەتتىكىدىن زور دەرىجىدە ئاشقان بولۇپ، پۈتۈشۈش سوممىسىنىڭ ئېشىش نىسبىتى كۆرگەزمىگە قاتناشقان ئەڭ چوڭ دۆلەتكە ئايلاندى. جۇڭگو ھىندىستاننىڭ ئەلا سۈپەتلىك تاۋارلارنى جۇڭگوغا ئېكسپورت قىلىشنى پائال ئاشۇرۇشىنى قارشى ئالىدۇ. ئىككى تەرەپ قوش يۆنىلىشلىك سودا ۋە مەبلەغ سېلىش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، تېببىي دورا، ئۇچۇر تېخنىكىسى ۋە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەردە يېڭى ھەمكارلىق ئېشىش نۇقتىسى بەرپا قىلىشى كېرەك. كېلەر يىللىق «جۇڭگو-ھىندىستان ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇش يىلى» ۋە جۇڭگو-ھىندىستان دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنى بىرلىكتە ياخشى ئۆتكۈزۈپ، ئەلئارا دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. جۇڭگو بىلەن ھىندىستان ئورتاق تىرىشىپ، كۆپ تەرەپچىلىكتە چىڭ تۇرۇپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتى يادرو قىلىنغان كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوغداپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ھەققانىي تەرەققىيات ھوقۇق-مەنپەئىتى ۋە تەرەققىيات بوشلۇقىنى ئورتاق قوغداپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىنىڭ مۇقىم ۋە يىراق بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ