خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ گرېتسىيەدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى ۋە بىرازىلىيەدىكى كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 11- قېتىملىق ئۇچرىشىشىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، 11- ئاينىڭ 17- كۈنى بېيجىڭغا قايتىپ كەلدى.
شۇ جاي ۋاقتى 15- نويابىر، شى جىنپىڭ ۋەتەنگە قايتىش ئۈچۈن برازىلىيەدىن ئايرىلىدىغان ۋاقىتتا، برازىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئايرودرومغا چىقىپ شى جىنپىڭنى ئۇزىتىپ قويدى.
شى جىنپىڭ ۋەتەنگە قايتىش يولىدا تېخنىكىلىق توختاش بىلەن ئىسپانىيەنىڭ تېنېرىفې ئارىلىدا توختاپ ئۆتتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ