شى جىنپىڭ رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى

2019.11.15 16:31 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ جاي ۋاقتى 13-نويابىر، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىرازىلىيە شەھىرىدە رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ يىل − جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتى ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئاچقان مۇھىم يىل. ئىككى تەرەپ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلەپ، بىر قاتار مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزدى، جۇڭگو-رۇسىيە يەرلىك ھەمكارلىق ئالماشتۇرۇش يىلىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلىشاي دەپ قالدى، بولۇپمۇ ئىككىمىز بىرلىكتە جۇڭگو-رۇسىيە يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى جاكارلاپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى يېڭى تارىخىي يۈكسەكلىككە كۆتۈردۇق.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى دەۋردە يېڭى تەدبىر، يېڭى نەتىجە بولۇشى كېرەك. ئىككى تەرەپ داۋاملىق ئورتاق تىرىشىپ، خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشىگە بىرلەشتۈرۈپ ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىق ئېھتىياجىغا ئاساسەن يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، جۇڭگو- رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەدىكى ئاكتىپ، ساغلام تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىپ، رايون ۋە دۇنياغا نەپ يەتكۈزۈشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ