مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەركىزىي مىللەتلەر داشۆسىدە ئاخبارات ۋە تارقىتىش شۆيۈەنى قۇرۇلدى

2019.11.18 16:48 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: مەركىزىي مىللەتلەر داشۆسىنىڭ مۇدىرى خۇاڭ تەييەن (ئوڭدىن ئۈچىنچى كىشى) قاتارلىقلار مەركىزىي مىللەتلەر داشۆسى ئاخبارات ۋە تارقىتىش شۆيۈەنى شۆيۈەن ۋىۋىسكىسىنىڭ يوپۇقىنى ئاچتى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئاينىڭ 15-كۈنى مەركىزىي مىللەتلەر داشۆسى ئاخبارات ۋە تارقىتىش شۆيۈەنىنىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. بېيجىڭ داشۆسى، بېيجىڭ پېداگوگىكا داشۆسى، جۇڭگو خەلق داشۆسى، فۇدەن داشۆسى، ئوتتۇرا جۇڭگو پەن-تېخنىكا داشۆسى، جۇڭگو تاراتقۇ داشۆسى قاتارلىق مەملىكەتتىكى 30 ئالىي مەكتەپ ۋە مەركىزىي مىللەتلەر داشۆسىنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرىدىن بولۇپ 200 گە يېقىن كىشى قاتناشتى.

  مەركىزىي مىللەتلەر داشۆسىنىڭ ئاخبارات تارقىتىش مائارىپى 1960-يىلى ئېچىلغان مىللىي كادىرلار ئاخبارات تەتقىقات سىنىپىدىن باشلانغان، 1984-يىلى ئاخباراتشۇناسلىق تولۇق كۇرس كەسپى رەسمىي ئېچىلغان، 1989-يىلىدىن باشلاپ ھازىرقى زامان مىللىي گېزىت-ژۇرنال تەتقىقات يۆنىلىشى بويىچە ماگىستىر ئاسپىرانتلار قوبۇل قىلىنغان. بۇ يىل مەركىزىي مىللەتلەر داشۆسى ئاخبارات كەسپى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 35 يىللىقى، ئاسپىرانتلارنى يېتىشتۈرۈشنىڭ 30 يىللىقى. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 35 يىلدىن بۇيان، مەركىزىي مىللەتلەر داشۆسى ئاخبارات تارقىتىش مائارىپىدا 4000غا يېقىن ئوقۇغۇچى تەربىيەلىنىپ، ئوقۇش پۈتكۈزگەن، ئەڭ داڭلىقلىرى فەن چاڭجياڭ ئاخبارات مۇكاپاتى، چاڭجياڭ-تاۋ فېن مۇكاپاتى، جۇڭگو ئاخبارات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. يېقىنقى 10 يىلدا ئاخبارات تارقىتىش پەنلىرى ئىككى قېتىم بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئوقۇتۇش نەتىجىسى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

  مەركىزىي مىللەتلەر داشۆسىنىڭ مۇدىرى خۇاڭ تەييەن مۇنداق دېدى: بەي رۈنشېڭ ئەپەندى ۋەكىللىكىدىكى نەچچە ئەۋلاد مەركىزىي مىللەتلەر داشۆسى كىشىلىرى جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلەپ، كەسىپنى ساقلاپ، مىللىي ئالىي مائارىپ، يېڭى ئەندىزە ئۈستىدە ئىزدىنىپ، مۇنەۋۋەر نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، مۇستەقىل شۆيۈەن قۇرۇش يېڭى پۇرسىتىنى كۈتۈۋالدى، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا، مەكتەپ يېڭى شۆيۈەننىڭ تەرەققىياتىنى ھەر تەرەپلىمە قوللايدۇ.

  دۆلەت مىللىي ئىشلار كومىتېتى مائارىپ-پەن-تېخنىكا مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى تيەن ليەنگاڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مەركىزىي مىللەتلەر داشۆسى ئاخبارات تارقىتىش مائارىپىنىڭ تارىخى چوڭقۇر، ئاساسى مۇستەھكەم، ئالاھىدىلىكى روشەن، كەلگۈسىدە ئوقۇتۇش باشقۇرۇشتا دۆلەتنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى ئىشلىرى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش، جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشنى زىچ چۆرىدەپ، مىللىي ئالىي مائارىپنىڭ ئىچكى ئامىللىق تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش؛ جۇڭگو زېمىنىدا يىلتىز تارتىپ، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ «قان بېرىش» ۋە «قان ئىشلەش» ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، پەن تەتقىقات ۋە ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى دۆلەت ئىستراتېگىيەسى ۋە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلدۇرۇپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى ئۈچۈن يۇقىرى ساپالىق ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش كېرەك.

  جۇڭگو ئاخبارات تارىخى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى پىروفېسسور چېن چاڭفېڭ، جۇڭگو ئالىي مەكتەپ كىنو- تېلېۋىزىيە ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى، پىروفېسسور خۇ جىفېڭ، جۇڭگو خەلق داشۆسى ئاخبارات شۆيۈەنىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى، پىروفېسسور خۇ بەيجىڭ، جۇڭگو تاراتقۇ داشۆسى ئاخبارات شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرى سۈي يەن قاتارلىقلار مېھمان سۈپىتىدە تەبرىك سۆزى قىلدى. ئارقىدىن يىغىنغا قاتناشقان رەھبەرلەر ۋە مېھمانلار ئاخبارات تارقىتىش ساھەسىدىكى ئۇلۇغ ئەرباب فاڭ خەنچى ئەپەندى ئۆز قولى بىلەن يازغان بېغىشلىمىنىڭ يوپۇقىنى ئاچتى.

  مەركىزىي مىللەتلەر داشۆسى ئاخبارات ۋە تارقىتىش شۆيۈەنىنىڭ باشلىقى، پىروفېسسور جاۋ لىفاڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئۇزاق مۇددەت مەكتەپ باشقۇرۇش ئەمەلىيىتىدە مەركىزىي مىللەتلەر داشۆسىنىڭ ئاخبارات ۋە تارقىتىش تەربىيەسى ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشتە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئالىي مەكتەپكە توغرىلىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، رىقابەت كۈچىگە ئىگە يۇقىرى سۈپەتلىك ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلىدى؛ يەنە دۆلەت ئىستراتېگىيەسى ۋە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ئېھتىياجىغا مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەجرىبە سىنىپى ئارقىلىق كۆپ تىللىق ئاز سانلىق مىللەت ئاخبارات تارقىتىش ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەپ، مىللىي ئالىي مەكتەپلەردىن باشقا مەكتەپلەر بىلەن ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشتىكى ئۆزئارا تولۇقلاش قۇرۇلمىسىنى شەكىللەندۈردى. 2014-يىلى زاڭزۇ تىلى تەتقىقات يۇرتى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئاچقان ئاخباراتشۇناسلىق (زاڭزۇ تىلى تەجرىبە سىنىپى) «دۆلەت دەرۋازىسى قۇرۇلۇشى» دەپ تەرىپلىنىپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ كەڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ