شى جىنپىڭ بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى بوسونارو بىلەن سۆھبەتلەشتى

2019.11.14 16:21 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ جاي ۋاقتى 13-نويابىر، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىرازىلىيەدە بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى بوسونارو بىلەن سۆھبەتلەشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئالدىنقى ئايدا، زۇڭتۇڭ بوسونارو جۇڭگوغا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا زىيارەتكە كەلدى، بىز ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇش پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈلمەكتە. ئەمدىلا ئاياغلاشقان 2-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىدە، بىرازىلىيەدىن يەرمەنكىگە قاتناشقان تەرەپلەرنىڭ پۈتۈشۈش سوممىسى ئالدىنقى نۆۋەتلىك كۆرگەزمىدىن 3.6 ھەسسە ئاشتى، بۇ نەتىجە كىشىنى خۇشال قىلىدۇ. جۇڭگو بىلەن بىرازىلىيە شەرقىي ۋە غەربىي يېرىم شاردىكى ئەڭ چوڭ يېڭىدىن گۈللەنگەن بازار دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن كەڭ ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە. بىز بىرازىلىيەنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىنى ياخشى كۆرۈپ، جۇڭگو- بىرازىلىيە ھەمكارلىقىغا تولۇق ئىشەنچ باغلىدۇق، بىرازىلىيە بىلەن تەرەققىيات تەجرىبىلىرىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇپ، ئورتاق گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى خالايمىز. مەن سىز بىلەن بىللە جۇڭگو-بىرازىلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىنى ياخشى ئىگىلەپ، ياخشى يېتەكلەشنى خالايمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ