خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ جاي ۋاقتى 12-نويابىر كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن بىرازىلىيەگە يېتىپ بېرىپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 11-قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتناشتى.
شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ئايروپىلان شوتىسىدىن چۈشكەندە، بىرازىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئايروپىلان شوتىسىنىڭ يېنىدا كۈتۈۋالدى. بىرازىلىيە ھاۋا ئارمىيە بازىسىنىڭ قوماندانى شى جىنپىڭ ئەر-ئايالغا سالام بەردى، ھاۋا ئارمىيە كانايچىسى كاناي چېلىپ ھۆرمەت بىلدۈردى. ھۆرمەت قاراۋۇللىرى قىزىل گىلەمنىڭ ئىككى تەرىپىنى بويلاپ تىزىلىپ ھۆرمەت بىلدۈردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ