مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

نېمە ئۈچۈن كىشىلەر قەھرىمانلارغا ئېھتىياجلىق؟

دۆلەت ئىككىنچى دەرىجىلىك پىسخىكا مەسلىھەتچىسى دىڭ سىيۈەن

2019.11.15 16:26 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  مەيلى كىنو-تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرىدە بولسۇن ياكى رېئال تۇرمۇشتا بولسۇن، بىز چوقۇنۇشقا ئەرزىيدىغان قەھرىمانلارنى يارىتىشنى ياخشى كۆرىمىز. مەسىلەن، ئامېرىكا كىنو-تىياتىرلىرىدىكى خاسىيەتلىك ئادەم، ئەمەلىي تۇرمۇشتىكى يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش قەھرىمانى قاتارلىقلار. بىز نېمە ئۈچۈن بۇنداق قىلىمىز؟ قەھرىمان شەخسلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقى كىشىلەرنىڭ قانداق روھىي ھالىتىنى قاندۇرىدۇ؟

  بىرىنچىسى، قوغدىلىش ئېھتىياجى. ھەر بىر ئادەم ئاجىز بالىدىن ئۆسۈپ يېتىلىدۇ، كىچىك ۋاقتىدا، ئادەم ھېس قىلىشنى خالىمايدىغان نۇرغۇن كەچۈرمىشلەرگە ئامالسىز قالىدۇ، گۆدەك ۋاقىتتىكى بىز ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئادەتتە ئاتا-ئانىمىزدىن ئىبارەت كۈچلۈك قوغدىغۇچىمىز بار، بۇ بىزنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇمىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. قۇرامىمىزغا يەتكەندىن كېيىن، بىز يەنىلا دائىم ئامالسىز قالىدىغان پەيتلەرگە دۇچ كېلىمىز، بىراق ئىلگىرىكى قوغدىغۇچىلىرىمىز قېرىپ كەتكەن بولىدۇ؛ غورۇرىمىز سەۋەبلىك، باشقىلاردىن ياردەم سوراش ئاسان ئىش ئەمەس؛ ياردەم سورىغان تەقدىردىمۇ، بىزگە ھەقىقەتەن ياردەم قىلالايدىغان ئادەم كۆپ ئەمەس. ئۇنداقتا قەھرىمانلارنىڭ ئوبرازى بىزنىڭ قوغدىلىش پىسخىك ئېھتىياجىمىزنى ئەڭ زور دەرىجىدە قاندۇرالايدۇ. قەھرىمانلار ئادەتتىكى ئادەملەرگە ئوخشىمايدىغان ھەمدە ئالىيجاناب ھالەتتە مەۋجۇد بولۇپ تۇرىدۇ، ئۇلاردىن ياردەم سورىغاندا روھىي بېسىمىمىز تېخىمۇ ئاز بولىدۇ. رېئال تۇرمۇشتىكى قەھرىمانلاردا يەنە بىر نۇقتا بار: ئۇلارنى كۆرگىلى، تۇتقىلى بولىدۇ، ئۇلار كىشىلەر توپى ئارىسىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، بىزگە ھەقىقەتەن بىخەتەرلىك، ئىللىقلىق ۋە كۈچ-قۇۋۋەت ھېس قىلدۇرىدۇ.

  ئىككىنچىسى، ھەرىكەت ئۈلگىسى ۋە ئوڭۇشسىزلىققا تاقابىل تۇرىدىغان پىسخىكا بايلىقى. ھەممە كىشى ئۆزىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشىنى، باشقىلارنىڭ ئۆزىگە كۆڭۈل بۆلۈشىنى، ئۆزىنىڭ سۆيۈلۈشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، قەھرىماندىن ئىبارەت بۇ رول بىزگە قانداق ئادەمنىڭ كۆپچىلىكنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىدۇ، بۇ بىزگە دوراش ئۈلگىسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. قەھرىمانلارنىڭ ھېكايىلىرىدە، ئۇلار دەسلەپتە ئادەتتىكى ئادەملەر بىلەن قىلچە پەرقلەنمەيدۇ، نۇرغۇن قىيىنچىلىق ۋە سىناقلارنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، ئاندىن قەدەممۇ قەدەم ئىلگىرىلەپ، ئاددىي ئادەملەردىن ئېشىپ چۈشىدۇ. بۇمۇ بىزنىڭ ئوڭۇشسىزلىققا تاقابىل تۇرىدىغان پىسخىكا بايلىقىمىزنى كۈچەيتىدۇ. پىسخولوگ بەندۇرا ئوتتۇرىغا قويغان سەپلىمە كۈچەيتىش نەزەرىيەسىگە ئاساسلانغاندا، ئۆگەنگۈچى باشقىلارنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنى، ئېرىشكەن مۇكاپاتىنى كۆرسە، ئوخشاش ھەرىكەت قىلىش خاھىشىنى ئاشۇرىدۇ.

  ئۈچىنچىسى، كىشىلەرنى بىر- بىرىگە باغلايدىغان رىشتە. ھازىرقى جەمئىيەت بۇرۇنقىغا قارىغاندا تېخىمۇ مۇستەقىللىقنى ئۇلۇغلايدۇ. ئىلگىرى ئىقتىساد ۋە تور تەرەققىياتى بۇنداق تېز ئەمەس ئىدى، شەخسلەر ھامان تەشكىلگە ياكى كوللېكتىپقا بېقىنىپ، ھەر خىل كىشىلەر بىلەن ئۇچۇر ئالماشتۇرۇپ تۇرغاندىلا، ئاندىن ئىجتىمائىي بايلىق يارىتالايتتى ۋە ئۈنۈملۈك مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايتتى. ھازىر مۇستەقىل كەسىپتىكىلەر بارغانسېرى كۆپەيمەكتە، كىشىلەر ئۇچۇرغا ئېرىشىشتە ئۆزى تورغا چىقىپ ئىزدىيەلەيدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئىنسانلار جەمئىيىتىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىجتىمائىي باغلىنىش مېخانىزمى بولغان ئارىلىق تەشكىلاتى يىمىرىلىشكە ياكى كەمچىل بولۇشقا باشلىدى. باشقىلار بىلەن ئالاقە باغلىشىمىز بارغانسېرى ئازلاپ كەتكەن ئەھۋالدا، تەنھالىق ۋە يىراقلىشىش تۇيغۇسىمۇ بارغانسېرى كۈچەيمەكتە. قەھرىمانلار بولسا بىر خىل ئارىلىقتىكى تەشكىلاتنىڭ رولىنى ئالىدۇ ياكى كىشىلەرنىڭ ئالاقە باغلايدىغان تۈگۈنى بولۇپ قالماقتا. خۇددى كارخانىنىڭ روھى شەخسلىرى بارلىق ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ، كۆپچىلىكنى ئۆزىنىڭ قىممىتى ۋە ئەھمىيىتى تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىپ، كوللېكتىپ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ ۋە بەختلىك ھېس قىلالىغىنىغا ئوخشاش، قەھرىمانلارمۇ ئەسلىدىكى ناتونۇش كىشىلەر ئارىسىدا ئوخشاشلار تۈگۈن رولىنى ئوينايدۇ، قەھرىمانلار ئوخشاش روھ، ئىنتىلىش، قىممەت قارىشى ۋە ھەرىكەت ئۇسۇلىغا ئىگە كىشىلەرنى بىر يەرگە جەم قىلىپ، كىشىلەرگە بىر- بىرىنىڭ قوللىشى ۋە ئېتىراپ قىلىشىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ