مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

توققۇز خىل ھەرىكەت ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتكە زىيانلىق

2019.11.12 16:44 مەنبە: خەلق تورى

  بەزى كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا مۇھەببەتلىشىش، توي قىلىش تەس ئىش ئەمەس، لېكىن توي مۇناسىۋىتىنى، بولۇپمۇ بەختلىك توي مۇناسىۋىتىنى ساقلاش ئاسان ئەمەس. يېقىندا، ئاۋسترالىيە جەنۇبىي كۋېنسلاند ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يېڭى تەتقىقاتىدىن بايقىلىشىچە، ئەر- خوتۇننىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدىكى توققۇز خىل قىلمىشنىڭ توي مۇناسىۋىتىگە نىسبەتەن بۇزغۇنچىلىق كۈچى بار ئىكەن، ھەتتا توي مۇناسىۋىتىنىڭ ئاخىرلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن، شۇڭا بۇ خىل ئىشلاردىن ھوشيار بولۇش كېرەك ئىكەن.

  تەتقىقات ئەترىتى توي مۇناسىۋىتىدىن مەسلىھەت بېرىشكە ماھىر 15 پىسخولوگنى زىيارەت قىلىپ تەكشۈرۈپ، قايسى قىلمىشلارنىڭ توي مۇناسىۋىتىنى ۋەيران قىلىدىغانلىقىنى تەتقىق قىلدى. ئاخىرىدا ئۇلار توققۇز خىل قىلمىشنىڭ توي مۇناسىۋىتىگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى يەكۈنلەپ چىقتى. بۇلار تۆۋەندىكىچە:

  بىرىنچى، ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتى. بۇ، ھاقارەتلەش، تەنقىد قىلىش، ئەيىبلەش، باھا بېرىش، ھەتتا جورىسىگە ھۆركىرەشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  ئىككىنچى، چاپلىشىۋېلىش ھەرىكىتى. بۇ، ئەگىشىۋېلىش، نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى تەكشۈرۈش، ئېسىلىۋېلىپ قويۇپ بەرمەسلىك ياكى جورىسىگە نامۇۋاپىق تەلەپ قويۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  ئۈچىنچى، ئۆزىنى قاچۇرۇش ھەرىكىتى. مەسىلەن، جورىسىگە سەل قاراش، جورىسىدىن قەستەن ئۆزىنى قاچۇرۇش ياكى ئۇنىڭدىن يىراقلىشىش.

  تۆتىنچى، ئۆزىنى قاچۇرۇش ھەرىكىتى، مەسىلەن، مەسئۇلىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ياكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىدەك روھىي ھالەتتە بولۇۋېلىش.

  بەشىنچى، مەنسىتمەسلىك ھەرىكىتى. مەسىلەن جورىسىنى ھۆرمەتلىمەسلىك.

  ئالتىنچى، ئىشەنچ كەمچىل بولۇش ياكى ئۆزئارا ھەسەت قىلىش.

  يەتتىنچى، بۇزغۇنچىلىق ھەركىتى. مەسىلەن، مال سېتىۋالغاندا قالايمىقان پۇل خەجلەش، قالايمىقان سېتىۋېلىش، ھەددىدىن زىيادە يەپ-ئىچىش ياكى قىمار ئويناشقا قاتنىشىش.

  سەككىزىنچى، ساداقەتسىزلىك قىلمىشى. يەنى، جورىسىگە سادىق بولماسلىق ياكى توي مۇناسىۋىتى سىرتىدىكى مۇھەببەتكە قارىتا ئوچۇق- ئاشكارا ئىنتىلىش پوزىتسىيەسىدە بولۇش، ياكى ئىلگىرى زىيادە رومانتىك تارىخى بولۇش قاتارلىقلار.

  توققۇزىنچى، پاراكەندىچىلىك ياكى خورلاش قىلمىشى. بۇ، جىسمانىي جەھەتتىن ھۇجۇم قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپلا قالماستىن، يەنە ھېسسىياتتا خورلاشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، مەسىلەن، تەھدىت سېلىش، ھەيۋە قىلىش، ھەتتا ھېسسىياتنى كونترول قىلىش قاتارلىقلار.

  ئەر-خوتۇنلار توي مۇناسىۋىتىنىڭ كۆڭۈللۈك، ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، يۇقىرىقى تىزىملىك بويىچە سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈپ، «بار بولسا تۈزىتىش، يوق بولسا ساقلىنىش» پوزىتسىيەسى بىلەن پائال تۈزىتىپ، توي مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان پاسسىپ ھەرىكەتلەرنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىشقا بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ