شى جىنپىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 11- قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى

كۆپ تەرەپلىمىلىكنى تەشەببۇس قىلىپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ يېڭى سانائەت ئىنقىلابىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى

2019.11.15 15:28 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ جاي ۋاقتى 14- نويابىر كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 11- قېتىملىق ئۇچرىشىشى برازىلىيە پايتەختى برازىلىيەدە ئۆتكۈزۈلدى. برازىلىيە زۇڭتۇڭى بولسونارو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن، ھىندىستان زۇڭلىسى مودى، جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى رامافۇسا يىغىنغا قاتناشتى. بەش دۆلەت رەھبەرلىرى «ئىقتىسادنى ئاشۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش كەلگۈسىنى يارىتىش» باش تېمىسىنى چۆرىدەپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقى ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان زور خەلقئارا مەسىلىلەر توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كەڭ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.

  شى جىنپىڭ «قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ ھەمكارلىق يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق يارىتايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى تېگىشلىك مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشنى نامايان قىلىپ، كۆپ تەرەپلىمىلىكنى تەشەببۇس قىلىپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، تىنچ ۋە مۇقىم بولغان بىخەتەر مۇھىت يارىتىشى؛ ئىسلاھات قىلىش ۋە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ دەۋر پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ يېڭى سانائەت ئىنقىلابىنىڭ شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشى؛ ئۆزئارا ئۆگىنىش ۋە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنىڭ كەڭلىكى ۋە چوڭقۇرلۇقىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىشى كېرەك. جۇڭگو ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسى ۋە ئىنسانىيەت تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ