مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ ئۈمىد قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت بۇ ئىشنى تېخىمۇ ياخشى قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە سوتسىيالىستىك چوڭ ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك، دېدى

2019.11.21 17:19 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىل ئۈمىد قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا ئۈمىد قۇرۇلۇشىغا تىلەك تىلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئۈمىد قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلغان 30 يىلدىن بۇيان، دىققەتنى ئوقۇشقا ياردەم بېرىپ، ئادەم تەربىيەلەش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەپ، ئوقۇتۇشقا ئەھمىيەت بېرىش ئەنئەنىسىنى يىلتىز تارتقۇزۇپ، جەمئىيەتنى سەپەرۋەر قىلىش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش ۋە ئۆزئارا ياردەم بېرىش كۆۋرۈكى بەرپا قىلىپ، مىليونلىغان نامرات ئائىلىلەردىكى ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ مەكتەپتە ئوقۇش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ۋەتەن قۇرۇلۇشىنىڭ ھەرقايسى سەپلىرىدە كۈرەش قىلىدىغان ياراملىق كىشىلەردىن بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ياردەم بەردى. ئۈمىد قۇرۇلۇشى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچ قوشۇش، مائارىپ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە مۇلازىمەت قىلىش، ئىجتىمائىي كەيپىياتقا يېتەكچىلىك قىلىش جەھەتلەردە مۇھىم رول ئوينىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە باغلىنىشلىق. يېڭى دەۋردە، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئۈمىد قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت بۇ ئىشنى تېخىمۇ ياخشى قىلىپ، تىرىشىپ ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى يېڭى ياردەمچى كۈچ بىلەن تەمىنلەپ، يېڭى ئۈمىد ئۇرۇقلىرىنى چېچىشى كېرەك. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەت ئۈمىد قۇرۇلۇشىغا داۋاملىق كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە قوللاپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە سوتسىيالىستىك چوڭ ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرۇپ، تىرىشىپ سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىدىن بولۇپ يېتىشىپ چىقىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ