مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو شىنجاڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى قاتاردا زىيارەتتە بولدى

2019.11.19 16:49 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو شىنجاڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى 17-نويابىردىن 18-نويابىرغىچە قاتاردا زىيارەتتە بولۇپ، قاتاردىكى ھەر ساھە ۋەكىللىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىنلار ئىناقلىقى ھەمدە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشى قاتارلىق جەھەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى تونۇشتۇردى.

  قاتارنى زىيارەت قىلغان مەزگىلدە، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ خاماد داشۆسى ئىسلام تەتقىقات يۇرتىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى، يېرىم ئارال تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچى ئالىملىرى، قاتار تاراتقۇ مۇخبىرلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ۋەزىيىتى، مىللەت-دىن سىياسىتى، كەسپىي ماھارەت تەربىيەسى خىزمىتى قاتارلىقلار توغرىسىدا كەڭ پىكىر ئالماشتۇردى.

  مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى سۆھبەت جەريانىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن 2016-يىلىغىچە، چېگرا ئىچى-سىرتىدىكى «ئۈچ خىل كۈچ» شىنجاڭدا نەچچە مىڭ زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى (ۋەقەسى) نى پىلانلاپ ۋە تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە زور زىيان يەتكۈزدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ بىر قاتار كۈچلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، تېررورلۇققا قەتئىي زەربە بېرىپ، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنى سىجىل مۇقىملاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى سىجىل كۈچەيتتى، بولۇپمۇ شىنجاڭدا يېقىنقى ئۈچ يىلدا بىرمۇ زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى (ۋەقەسى) يۈز بەرمىدى، بۇ، شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ئۇسۇلىنىڭ تامامەن توغرا ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلىدى.

  مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى يەنە شىنجاڭنىڭ كەسپىي ماھارەت تەلىم ـ تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى، شىنجاڭدا قانۇن بويىچە كەسپىي ماھارەت تەلىم-تەربىيە مەركىزى قۇرۇش ئارقىلىق، قانۇنغا يېنىك دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغان ياكى جىنايى قىلمىش سادىر قىلغان كىشىلەرنى تەربىيەلەپ قۇتقۇزۇپ، ئۇلارنىڭ تېررورلۇق، ئەسەبىيلىكنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، تېررورلۇق ھەرىكىتىنى يۈز بېرىشتىن بۇرۇن تىرىشىپ تۈگىتىپ، ئەسەبىيلىك پەيدا بولىدىغان، يامرايدىغان تۇپراقنى ئۈنۈملۈك تۈگىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇپلا قالماي، رايون خەۋپسىزلىكىگىمۇ كۈچلۈك كاپالەتلىك قىلدى. بۇ ئۇسۇل جۇڭگونىڭ ئاساسىي قانۇنى ۋە قانۇنلىرىنىڭ روھىغا، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش پىرىنسىپىغا، دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەل خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە تامامەن ئۇيغۇن.

  مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى مۇنداق دېدى: بۇلتۇردىن بۇيان، جۇڭگو نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى، شۇنداقلا بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ پارتىيە، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرى، تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ۋە دىنىي تەشكىلاتلارنى شىنجاڭغا كېلىپ زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلىپ، دۇنياغا ئوبيېكتىپ، ھەقىقىي شىنجاڭنى نامايان قىلدى. خەلقئارا جەمئىيەت شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىشىگە يۈكسەك باھا بەردى.

  جۇڭگو شىنجاڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۆمىكىدىكى ئالتە كىشى قاتاردىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، كۇۋەيت ۋە سەئۇدى ئەرابىستانىدا زىيارەتتە بولۇپ، شۇ جايدىكى ھەر ساھە بىلەن پىكىر ئالماشتۇرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ