مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەشتەك قىلمىشلار پات-پاتلا تەكرارلىنىپ تۇرىدۇ، بۇنىڭغا دائىم دىققەت قىلىش لازىم

2019.11.21 16:13 مەنبە: خەلق تورى

  (دېلو مىسالى) 2013- يىلى 6- ئاينىڭ 9- كۈنى، جى فامىلىلىك كىشىگە ئاپتوموبىلنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بىلەن، خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن 3 ئاي تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىش، جازانى 3 ئاي كېچىكتۈرۈش ھەمدە 7000 مىڭ يۈەن ئىشتىراف قويۇشتەك جازا ھۆكۈمى چىقىرىلغان. 2019- يىلى 6- ئاينىڭ 9- كۈنى، جى فامىلىلىك كىشى ھاراق ئىچىپ مەست بولۇپ، كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىلنى كىنىشكىسىز ھەيدەپ، خېنەن ئۆلكىسى ئەنياڭ ناھىيەسى ئەنلىن تاشيولىغا كەلگەندە، ساقچىلار تەرىپىدىن تەكشۈرۈلگەن، تەكشۈرۈش ئارقىلىق جى فامىلىلىك كىشىنىڭ قېنىدىكى ئىسپىرت مىقدارىنىڭ ھەر 100 مىللىلىتردا 147.9 مىللىگرام بارلىقى بايقالغان. ئۇنىڭ كېيىن بىر تەرەپ قىلىنىشى ئۈچۈن كاپالەتچىگە بېرىلگەن. ئۇنىڭ كېيىن بىر تەرەپ قىلىنىشى ئۈچۈن كاپالەتچىگە بېرىلگەن مەزگىلدە، 2019- يىلى 7- ئاينىڭ 15- كۈنى، جى فامىلىلىك كىشى يەنە ھاراق ئىچىپ مەست بولۇپ، كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىلنى كىنىشكىسىز ھەيدەپ، ئەنياڭ ناھىيەسى شۈييې بازىرى 1- نومۇرلۇق يولى بىلەن خەلق يولىنىڭ چېتىشىش ئېغىزىدىكى يول بۆلىكىگە كەلگەندە، خەلق ساقچىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلگەن. تەكشۈرۈش ئارقىلىق جى فامىلىلىك كىشىنىڭ قېنىدىكى ئىسپىرت مىقدارى ھەر 100 مىللىلىتردا 204.4 مىللىگرام بارلىقى بايقالغان. ئاخىرىدا جى فامىلىلىك كىشىگە خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئالتە ئاي تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلدى ھەمدە 30 مىڭ يۈەن ئىشتىراف قويۇشقا ھۆكۈم چىقىرىلدى.

  (كۆزقاراش) 2011- يىلى «جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمىسى (8)»دە «مەست بولۇپ ئاپتوموبىل ھەيدەش» قىلمىشىنى جازا دائىرىسىگە كىرگۈزۈش بەلگىلىمىسىدە ئۆلچەم ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئۇ ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە، بەدەندىكى ئىسپىرت مىقدارى ھاراق ئىچىپ مەست بولۇش ئۆلچىمىگە يەتكەن (≥80mg/100ml) بولسا، ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش قىلمىشى شەكىللەندۈرگەنلىك ھېسابلىنىدۇ.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ج خ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىشتا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى بېسىمدا داۋاملىق قاتتىق باشقۇرۇپ، ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەپ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىشتەك جىنايى قىلمىشلارنى قاتتىق تىزگىنلەپ، «ھاراق ئىچكەندە ئاپتوموبىل ھەيدىمەسلىك، ماشىنا ھەيدىگەندە ھاراق ئىچمەسلىك» قائىدىسى كەڭ ئىجتىمائىي ئورتاق تونۇشقا ئايلىنىپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ قائىدە ئېڭى ۋە مەدەنىيلىك ئېڭىنى ئۆستۈرۈشنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش قىلمىشىنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش، خەلق ئاممىسىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغىسىنى كۈچەيتىش ۋە قانۇننىڭ نوپۇزىنى قوغداشتا ئاكتىپ رول ئوينىدى.

  لېكىن، بەزى شوپۇرلاردا قائىدە ئېڭى ۋە مەدەنىيلىك ئېڭى يەنىلا ئاجىز بولۇپ، «مەست بولۇپ ئاپتوموبىل ھەيدەش»گە نىسبەتەن تەلەي سىناش پىسخىكىسى مەۋجۇت. ئىستاتىستىكىدا كۆرسىتىلىشىچە، نۇرغۇن شوپۇرلارنىڭ ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان كەچۈرمىشلىرى ئىككى قېتىمدىن ئارتۇق بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش قىلمىشى ئۇزاق مۇددەتلىك ۋە تەكرارلىنىشچانلىققا ئىگە. دېمەك، بۇ كۆپ ۋە ئاسان قوزغىلىدىغان بىر خىل جاھىل كېسەل ئىكەنلىكىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

  بۇنىڭ ئۈچۈن، بەلگىلىمىدە قاتناش ساقچىلىرىنىڭ چوقۇم بارلىق قاتناش ئىشتىراكچىلىرىنى ھەمىشە ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرىشى كېرەكلىكى، ئۇلارنى دېلولاردىن ئىبرەت ئېلىشقا، مەست بولۇپ ئاپتوموبىل ھەيدەش جىنايىتىنىڭ ئېغىر ئاقىۋىتى ۋە زىيىنىنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىشكە، جازادىن قېچىش ئۈچۈن تەلەي سىناپ كۆرىدىغان پىسخىكىدا بولماسلىققا ئۈندەش كېرەكلىكى، قاتناش بىخەتەرلىكى ئېڭى ۋە قانۇن ئىدارە قىلىش ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ھاياتنى قەدىرلەپ، ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەشنى قەتئىي رەت قىلىشى كېرەكلىكى ئەسكەرتىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ