مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئورگان تەرەپ جەزملەشتۈرمىگەن «مېي ھامما» نېمە ئۈچۈن ئېكراننى بىر ئالىدۇ؟

2019.11.20 16:48 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ئادەم بېدىكى «مېي ھامما»نىڭ بىر پارچە يېڭى رەڭلىك رەسىمى توردا ئېكراننى بىر ئېلىپ، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. تور ئەھلى كۈچ ئۇلاپ سۈرەتنى تارقىتىپ، ئادەم بېدىكىنىڭ ئىز-دېرىكىنى تاپماقچى بولغاندا، ج خ مىنىستىرلىقى بالىلارنىڭ يوقاپ كەتكەنلىك ئۇچۇرىنى جىددىي ئېلان قىلىش سۇپىسى ئورگان تەرەپ مىكرو بىلوگىدا ئۇچۇر ئېلان قىلىپ، نۆۋەتتە توردا تارقىلىپ يۈرگەن گۇاڭدۇڭ زېڭچېڭدىكى توققۇز بالىنى ئالداپ كېتىش دېلوسىدىكى گۇماندار «مېي ھامما»نىڭ 2-پارچە سۈرىتىنىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ ئېلان قىلغان ئۇچۇر ئەمەسلىكىنى، مېي ھاممىنىڭ مەۋجۇد ياكى ئەمەسلىكى، چىراي تۇرقىنىڭ قانداقلىقى ھەققىدە ھازىرچە باشقا دەلىل-ئىسپات يوق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

  جىنايەت گۇماندارىنىڭ رەسىمىنى ئېلان قىلغاندا ئاممىدىن تېخىمۇ كۆپ يىپ ئۇچى توپلىغىلى بولىدۇ، شۇنداقلا جىنايەت گۇماندارىنى چۆچۈتۈش رولىنى ئوينايدۇ. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا يىپ ئۇچىغا ئېرىشىش، دېلونى تېزدىن پاش قىلىش ئالداپ سېتىۋېتىلگەن بالىلارنى بالدۇرراق تېپىپ، خانىۋەيران بولغان ئائىلىلەرنىڭ بالدۇرراق قايتا جەم بولۇشىدىن دېرەك بېرىدۇ. لېكىن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ھوقۇق بەرمەي تۇرۇپ، «جىنايەت گۇماندارى»نىڭ سۈرىتىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئېلان قىلىش ۋە تارقىتىش − دېلونى پاش قىلىشقا پايدىسىز بولۇپلا قالماي، ھەتتا كاشىلا پەيدا قىلىشى، گۇناھسىزلارنى خاتا زەخىملەندۈرۈشى مۇمكىن. مۇشۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، ساقچىلارنىڭ پىتنە-ئىغۋاغا رەددىيە بېرىش باياناتى ناھايىتى ۋاقتىدا كەلدى.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شۇنىمۇ كۆرۈش كېرەككى، بۇ بىر خاتالىق بولسىمۇ، لېكىن ئۇ خاتالىقنىڭ ئارقىسىدىكى كىشىلەرنىڭ يامان قىلمىشقا بولغان ئۆچمەنلىكى، ھەققانىيەتكە بولغان ئۈمىدى ئىنتايىن ھەقىقىي. ھۆكۈمەت تەرەپ جەزملەشتۈرمىگەن «مېي ھاممىنىڭ سۈرىتى»نىڭ ئېكراننى بىر ئېلىشى ئەمەلىيەتتە پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە زەربە بېرىش، ھەققانىيەتنى قوغداشتىكى قىممەت ئورتاق تونۇشى ۋە تەلىپى بولۇپ، ئېكراننى بىر ئالغىنى ئالداپ ئېلىپ قېچىشقا زەربە بېرىشنىڭ ئىجتىمائىي ئۇيۇشۇش كۈچىدۇر. بۇ ھەم مۇشۇ يىللاردا سانسىزلىغان كىشىلەرنىڭ تۈرلۈك ئاماللار بىلەن «مېي ھامما»نى ئىزدىشىنىڭ سەۋەبى.

  ئومۇمىي خەلقنىڭ ئالداپ كېتىشكە زەربە بېرىشى ھەرگىزمۇ «مېي ھامما» خاتالىقى بىلەن توختاپ قالمايدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ ئالداپ سېتىشقا زەربە بېرىش سالمىقى سىجىل زورايدى، قانۇن كۈنسېرى مۇكەممەللەشتى، تېخنىكا ۋاسىتىسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى، شۇنداقلا جەمئىيەتتىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچى قوشۇلۇپ بالىلارنى ئالداپ سېتىش جىنايىتىگە زەربە بېرىشتە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىنىپ، بالىلارنى يوقىتىپ قويغان تېخىمۇ كۆپ ئائىلىنىڭ ئۈمىدىنى قايتا ئۇرغۇتتى. لېكىن، بىزگە مەلۇمكى، ئالداپ سېتىشقا زەربە بېرىش خىزمىتىدە ۋەزىپە ئېغىر، يول يىراق. دەل مۇشۇ پەيتتە، ئالداپ كېتىلگەن نۇرغۇن بالىلار تېخى تېپىلمىدى، ھېلىھەم يەنە ئادەم بېدىكلىرى جىنايەت ئىبلىس چاڭگىلىنى تېخىمۇ كۆپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا سوزۇۋاتىدۇ، ئومۇمىي خەلق تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان ھېلىقى «مېي ھامما» يەنىلا قانۇنىي جازاغا تارتىلماي ئەركىن يۈرۈۋاتىدۇ.

  بالا ئائىلە باشلىقىنىڭ گۆھىرى، ئائىلىنىڭ كەلگۈسى. بىر بالا ئالداپ كېتىلگەندە بىر ئائىلىنىڭ بارلىقى ۋەيران بولىدۇ. ئادەم بېدىكلىرىگە زەربە بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇشنى ھەرقانچە تەكىتلىسىمۇ ئاشۇرۇۋەتكەنلىك بولمايدۇ. بىز ھەقىقىي «مېي ھامما»نىڭ بالدۇرراق تورغا چۈشۈشىنى، شۇنداقلا پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ئارقىلىق «جاھاندا ئالداپ كېتىلىش بولماسلىق»نىڭ گۈزەل رېئاللىققا ئايلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ