مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش مىللەت-دىن ئىشلىرى كومىتېتى دىنىي ساھەدىكىلەر باش تېما بويىچە كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

ۋاڭ ياڭ قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

2019.11.27 16:29 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش مىللەت-دىن ئىشلىرى كومىتېتى 11- ئاينىڭ 26-كۈنى بېيجىڭدا دىنىي ساھەدىكىلەر باش تېما بويىچە كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، «سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، ھەرقايسى دىنلار دىنىي ئەقىدە، دىنىي قائىدىلەرنى دەۋرنىڭ ئىلگىرىلەش تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان قىلىپ شەرھلەپ چۈشەندۈرۈش»نى چۆرىدەپ سۆھبەتلىشىپ، پىكىر ئالماشتۇردى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دىننىڭ دىنىي ئەقىدە، دىنىي قائىدىسىنى شەرھلەپ چۈشەندۈرۈش يۆنىلىشىنى باشقۇرۇش تۈپتىن باشقۇرۇشتىكى مۇھىم ئاساس خاراكتېرلىك خىزمەت، شۇنداقلا ھەرقايسى دىنلارنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىنىڭ ئىچكى تەلىپى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ۋارىسلىق قىلىش بىلەن يېڭىلىق يارىتىشنى ئۆزئارا بىرلىككە كەلتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تەتقىق قىلىش بىلەن پايدىلىنىشنى ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دىن ساھەسىدىكىلەرنىڭ سۇبيېكتلىق رولى بىلەن ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، دىنىي ئەقىدە، دىنىي قائىدىلەرنى شەرھلەپ چۈشەندۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئىشنى ياخشى قىلىپ، تەدرىجىي ھالدا جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە، دەۋر تەرەققىياتىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان دىنىي ئىدىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك.

  دىن ساھەسىدىكى 16 ئەزا، مۇتەخەسسىس، ئالىم ۋە ئاساسىي قاتلامدىكى دىنىي زاتلار دىنىي ئەقىدە، دىنىي قائىدىلەرنى شەرھلەپ چۈشەندۈرۈشنى چۆرىدەپ تەجرىبىسى ۋە تەسىراتلىرىنى سۆزلىدى ۋە خىزمەت تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. كۆپچىلىك مۇنداق قارىدى: ئېسىل ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇش ئاساسىدا، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە دەۋر تەرەققىياتىنىڭ تەلىپىگە بىرلەشتۈرۈپ دىنىي ئەقىدە، دىنىي قائىدىلەرنى يېڭىدىن شەرھلەپ چۈشەندۈرۈش دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنىڭ تارىخىي تاللىشى، دىن ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ئېتىقادىغا مەسئۇل بولغانلىقىنىڭ ئىپادىسى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلىتىمىز دىن ساھەسىدىكىلەر سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى پائال ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، دىنىي ئەقىدە، دىنىي قائىدىلەرنى شەرھلەپ چۈشەندۈرۈش جەھەتتە نۇرغۇن پايدىلىق ئىزدىنىشلەرنى قىلىپ، پائال نەتىجە- ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى. لېكىن يەنە نەتىجىسى بىرقەدەر تارقاق بولۇش، شەرھلەپ چۈشەندۈرۈش سىستېمىلىق چوڭقۇر بولماسلىق، يۇقىرى سەۋىيەلىك دىنىي ئىختىساسلىقلىرى كەمچىل بولۇشتەك مەسىلىلەر ساقلانماقتا، بۇنىڭغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ