شى جىنپىڭ بىرلىككە كەلگەن رۇسىيە پارتىيەسى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى

2019.11.26 15:53 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 25-نويابىر خەلق سارىيىدا پارتىيە ئالىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى گرېزلوف باشچىلىقىدىكى رۇسىيە بىرلىككە كەلگەن رۇسىيە پارتىيەسى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ بىرلىككە كەلگەن رۇسىيە پارتىيەسىنىڭ 19-قېتىملىق قۇرۇلتىيىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەنلىكىنى تەبرىكلىدى، گرېزلوفنىڭ ئۆمەك باشلاپ جۇڭگوغا كېلىپ، جۇڭگو- رۇسىيە ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەلىرىنىڭ سۆھبەت مېخانىزمىنىڭ 7- قېتىملىق يىغىنىغا قاتنىشىشىنى قارشى ئالدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل جۇڭگو-رۇسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، زۇڭتۇڭ پۇتىن ئىككىمىز جۇڭگو-رۇسىيە يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئورتاق جاكارلاپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ئۆزئارا ياردەم بېرىش، چوڭقۇر يۈرۈشتۈرۈش، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىش، ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىش نىشانى ۋە يۆنىلىشىگە قاراپ يېتەكلىدۇق. نۆۋەتتە جۇڭگو بىلەن رۇسىيە كۈچلۈك ئىستراتېگىيەلىك تىرەك شەكىللەندۈردى، بۇ، دۇنيا تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى قوغداشتا زور ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ