خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى ئابى شىنزو 11- ئاينىڭ 25- كۈنى ئايرىم-ئايرىم خەت ئەۋەتىپ، جۇڭگو-ياپونىيە يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئادىمىيەت ئالاقىسى ۋە كېڭىشىش مېخانىزمىنىڭ تۇنجى قېتىملىق يىغىنىنىڭ توكيودا ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ياپونىيە دېڭىز ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدۇ، تارىخىي ئادىمىيەت مەنبەسى چوڭقۇر. 2000 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت داۋاملاشقان ئۇزۇن مۇددەتلىك ئالاقە داۋامىدا، ئىككى دۆلەت خەلقى ئۆزئارا ئۆگىنىپ ۋە ئۆرنەك ئېلىشىپ، بىر بىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى، شۇنداقلا ئاسىيا مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشتى. بۈگۈنكى دۇنيا يۈز يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرمەكتە. ئىنسانلار ئورتاق خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، گۈزەل كەلگۈسىگە قەدەم تاشلاشتا مەدەنىيەتنىڭ كۈچىدىن ئايرىلالمايدۇ. دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەل خەلقى ئومۇمىي ۋەزىيەتنى ئىگىلەپ، ئېقىمغا ماسلىشىپ، ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق يارىتىشى كېرەك.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ