شى جىنپىڭ سۇرىنام زۇڭتۇڭى بوتتېرسې بىلەن سۆھبەتلەشتى

2019.11.28 16:22 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 27-نويابىر خەلق سارىيىدا سۇرىنام زۇڭتۇڭى بوتتېرسې بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو بىلەن سۇرىنامنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنى بىرلىكتە جاكارلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: سۇرىنام تۇنجى تۈركۈمدە يېڭى جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان كارىب دۆلىتى، دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 43 يىلدىن بۇيان، باشتىن- ئاخىر بىر-بىرىنى قوللاپ، بىر-بىرىنى چۈشىنىپ، بىر-بىرىگە ئىشىنىپ كەلدى، جۇڭگو-سۇرىنام مۇناسىۋىتى ئۇزاقتىن بۇيان جۇڭگو بىلەن كارىب دۆلەتلىرى مۇناسىۋىتىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرۇپ كەلدى، بۇ، چوڭ-كىچىك دۆلەتلەر دوستانە ئۆتۇش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىشنىڭ ئۈلگىسى بولۇپ قالدى. جۇڭگو-سۇرىنام مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى مۇھىم تارىخىي باسقۇچتا تۇرماقتا، جۇڭگو سۇرىنام بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» نى ئورتاق قۇرۇشنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، جۇڭگو-سۇرىنام مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشنى خالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ