مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ سۇرىنام جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى بوۋتېرسى بىلەن كۆرۈشتى

2019.11.28 15:25 مەنبە: خەلق تورى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 11-ئاينىڭ 27-كۈنى خەلق سارىيىدا سۇرىنام زۇڭتۇڭى بوۋتېرسى بىلەن كۆرۈشتى.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى، جۇڭگو بىلەن سۇرىنامنىڭ ئارىلىقى يىراق بولسىمۇ، خەلق ئارىسىدىكى دوستلۇق مېھرى چوڭقۇر. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 40 نەچچە يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋېتى ساغلام مۇقىم تەرەققىي قىلدى. رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈردى. بىز داۋاملىق ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىش ئاساسىدا، سۇرىنام بىلەن تېخىمۇ ياخشى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ پايدا ئېلىشنى خالايمىز. لى كېچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ۋە مۇھىتنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاشقا تۈرتكە بولۇش جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجى. جۇڭگو ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى مۇۋاپىق دائىرىدە ساقلىغان ئاساستا، مۇھىتنى ياخشىلاشقا تۈرتكە بولۇپ، بۇ يىلقى پۈتۈن يىللىق ئېنېرگىيە تېجەپ بۇلغىمىنى ئازايتىش ۋەزىپىسىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ، «13-بەش يىللىق» پىلاندا بېكىتىلگەن بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش نىشانىنى ۋاقتىدا تاماملاشقا ئىشەنچىمىز بار. جۇڭگو ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن كىلىمات ئۆزگىرىشى ھەققىدىكى «پارىژ كېلىشىمى»نىڭ ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلۇشىغا بىرلىكتە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  باۋتېرسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى، ئۆتكەن 70 يىلدا، جۇڭگو پۈتۈن دۇنيا كۆز تىككۈدەك تەرەققىيات نەتىجىلىرىگە ئېرىشتى. سۇرىنام جۇڭگو بىلەن ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق خەلقئارالىق مەسىلىلەردىكى ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ.

  شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، سۇرىنام زۇڭتۇڭى باۋتېرسى بېيجىڭ تيەنئەنمىن مەيدانىغا بېرىپ، خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارىغا گۈل چەمبىرەك قويدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ