مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە «14- بەش يىللىق» يىرىك پىلانىنى تۈزۈش ۋە ئۇنى تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇش مەخسۇس يىغىنى ئېچىلدى، لى كېچياڭ يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

يۇقىرى سەۋىيەدە « 14- بەش يىللىق» يىرىك پىلاننى ياخشى تۈزۈپ، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى

2019.11.27 15:59 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 25- نويابىر خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ «14- بەش يىللىق» يىرىك پىلانىنى تۈزۈش ۋە ئۇنى تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇش مەخسۇس يىغىنى ئېچىلدى.

  يىغىندا تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى «14- بەش يىللىق» يىرىك پىلاننى تۈزۈش خىزمىتىگە ئالاقىدار ئەھۋاللار ۋە كېيىنكى قەدەمدىكى تەكلىپلەرنى دوكلات قىلدى. لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: «13- بەش يىللىق» يىرىك پىلاننىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشى باشلانغاندىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جايلار ۋە تارماقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى پائال ۋە تەشەببۇسكارلىق بىلەن كېڭەيتىپ، خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىكى تۈرلۈك خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسلارغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئوتتۇرا ۋە يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىشىنى ساقلاپ، مۇۋاپىق يۈرۈشۈشىنى ساقلاپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ياخشى قىلىپ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش قاتارلىقلاردا يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، پىلانلىغان ئاساسلىق نىشان ۋە ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداش سۈرئىتى مۆلچەرگە ئۇيغۇن بولدى. جايلار ۋە تارماقلار «13- بەش يىللىق» يىرىك پىلاننىڭ كېيىنكى يولغا قويۇش خىزمىتىنى پۇختا ۋە ياخشى ئىشلەپ، «14- بەش يىللىق يىرىك» پىلاننىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى ئاساس سېلىشى كېرەك.

  لى كېچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «14- بەش يىللىق» يىرىك پىلان مەزگىلىدە، تاشقى مۇھىت تېخىمۇ مۇرەككەپ بولۇشى مۇمكىن، ئېنىقسىزلىق ۋە خىرىس تېخىمۇ كۆپ بولۇشى مۇمكىن، دۆلىتىمىز ھازىر تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى سەرخىللاشتۇرۇش، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئالماشتۇرۇشنىڭ مۇھىم مەزگىلىدە تۇرماقتا، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان تېخىمۇ كۆپ ئارزۇلىرى بار.«14- بەش يىللىق» يىرىك پىلاننى ياخشى تۈزۈشتە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات پۇرسىتىنى توغرا ئىگىلەپ، قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلارنى تولۇق تەھلىل قىلىپ، مەۋقەنى دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى ۋە تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، تەرەققىياتنىڭ بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپىسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىنى مۇۋاپىق ساقلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى، ئىسلاھات ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، قانۇنىيەتكە ئەمەل قىلىپ، يىراقنى كۆزلەپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ، تەڭ ئېتىبار بېرىپ، «14- بەش يىللىق» يىرىك پىلان مەزگىلىدىكى تەرەققىيات نىشانى، خىزمەت تەپەككۇرى ۋە نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جەمئىيەتكە ياخشى مۆلچەر بېرىپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە تىرىشىپ ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ