خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئاينىڭ 27-كۈنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى «پەلەستىن خەلقىگە مەدەت بېرىش خەلقئارا كۈنى»نى خاتىرىلەش يىغىنى ئاچتى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.
شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پەلەستىن مەسىلىسى ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىنىڭ يادروسى. پەلەستىن مەسىلىسىنى ئومۇميۈزلۈك، ئادىل ھەل قىلىپ، پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ تىنچ، ئورتاق تەرەققىي قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن. خەلقئارا جەمئىيەت ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قوغداپ، ب د ت نىڭ ئالاقىدار قارارلىرى، «يەرنى تىنچلىققا ئالماشتۇرۇش» پىرىنسىپى ۋە «ئىككى دۆلەت لايىھەسى» چوڭ يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، پەلەستىن-ئىسرائىلىيە تىنچلىق سۆھبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ياخشى كەيپىيات يارىتىشى كېرەك.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ