مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 11-قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ مۇھىم تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىسلاھاتنى داۋاملىق ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئورگانىك جىپسىلاشتۇرۇپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش لازىم

لى كېچياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى

2019.11.27 16:33 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شى جىنپىڭ 11- ئاينىڭ 26-كۈنى چۈشتىن كېيىن مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 11-قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنى بىلەن پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ تارىخىي لوگىكىسى تومۇرداش، نەزەرىيە لوگىكىسى بىر- بىرىگە تىرەك، ئەمەلىيەت لوگىكىسى بىر- بىرىگە باغلانغان، نىشانى بىر-بىرىگە باغلانغان بولۇپ، مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىلار داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4- ئومۇمىي يىغىنىدا پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيانقى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ نەزەرىيە نەتىجىلىرى، تۈزۈم نەتىجىلىرى، ئەمەلىيەت نەتىجىلىرى سىستېمىلىق توپلاشتۇرۇلۇپلا قالماستىن، يەنە يېڭى دەۋردە ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تېخىمۇ ئېنىق يۇقىرى قاتلام لايىھەسى تۈزۈپ چىقىلدى.

  جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئاساسىي ئوق قىلىپ، ئىسلاھات ئارقىلىق دۆلەت تۈزۈمى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىپ، تۈزۈم قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىسلاھاتنى داۋاملىق ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھەم تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنىڭ ئورۇندىلىش ئەھۋالىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ، رەتلەش، ھەم 4-ئومۇمىي يىغىندا ئورۇنلاشتۇرۇلغان مۇھىم تەدبىرلەرنى خىزمەت كۈنتەرتىپىگە ۋاقتىدا كىرگۈزۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئايدىڭلاشتۇرغان دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان تۈزۈم، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان يېڭى ئارزۇسىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان تۈزۈملەرنى تەتقىق قىلىپ ۋە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئورگانىك جىپسىلاشتۇرۇپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى كېچياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا «تېخىمۇ مۇكەممەل بولغان ئامىللارنى بازارلاشتۇرۇپ تەقسىملەش تۈزۈلمە مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى پىكىر»، «يېزا ئىگىلىكىنى قوللاش، قوغداش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»، «ئېلىمىزنىڭ داۋالاش كاپالىتى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر»، «يېڭى دەۋردىكى ئالىي، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئەمگەك تەربىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»، «زامانىۋى مۇھىتنى تۈزەش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»، «يېڭى دەۋردىكى مائارىپ تەپتىشلىكى تۈزۈلمە-مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر»، « يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسىنىڭ ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر»، «مەركەزدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ‹قارارى›دىكى مۇھىم تەدبىرلەرنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ئىش تەقسىماتى لايىھەسى» ۋە «پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3- ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيانقى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى باھالاش دوكلاتى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: تېخىمۇ مۇكەممەل بولغان ئامىللارنى بازارلاشتۇرۇپ تەقسىملەش تۈزۈلمە-مېخانىزمىنى بەرپا قىلىشتا، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئامىللارنىڭ ئەركىن يۆتكىلىشىگە توسالغۇ بولىدىغان تۈزۈلمە-مېخانىزم توسالغۇلىرىنى تۈگىتىپ، ئامىللارنى بازارلاشتۇرۇپ تەقسىملەش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئامىللار بازىرى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئامىللار بازىرىنىڭ تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئامىل باھاسى بازىرىنى بەلگىلەش، يۆتكىلىشى ئۆز ئالدىغا تەرتىپلىك، تەقسىملىنىشى يۇقىرى ئۈنۈملۈك، ئادىل بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، زامانىۋى ئىقتىساد سىستېمىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن پۇختا تۈزۈم ئاساسى سېلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ