شى جىنپىڭ: يېڭى دەۋردىكى ھەربىي مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەربىي مەكتەپلەرنىڭ ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىشىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەخلاقلىق ھەم قابىلىيەتلىك يۇقىرى ساپالىق، كەسىپلەشكەن يېڭىچە ھەربىي ئىشلار ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك

2019.11.28 15:15 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پۈتۈن ئارمىيەدىكى ھەربىي مەكتەپ مۇدىرلىرىنى يىغىپ تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ دەرس باشلاش مۇراسىمى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن دۆلەت مۇداپىئە داشۆسىدە ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ دەرس باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، پۈتۈن ئارمىيەدىكى ھەربىي مەكتەپ مۇدىرلىرى ۋە ھەربىي مائارىپ سېپىدىكى يولداشلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش يولى-ئىختىساسلىقلارغا موھتاج. يېڭى دەۋردىكى ھەربىي مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، ھەربىي مەكتەپلەرنىڭ ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىشىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئەخلاقلىق ھەم قابىلىيەتلىك يۇقىرى ساپالىق، كەسىپلەشكەن يېڭىچە ھەربىي ئىشلار ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك.

  چۈشتىن بۇرۇن سائەت ئون يېرىملاردا، شى جىنپىڭ دۆلەت مۇداپىئە داشۆسىگە باردى. گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى ئىچىدە، شى جىنپىڭ يىغىپ تەربىيەلەش سىنىپىنىڭ بارلىق كۇرسانتلىرى بىلەن كۆرۈشتى ھەم كۆپچىلىك بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

  شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ھەربىي مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا، ئومۇمىي ئىشلارنى باشقۇرىدىغان بىر فاڭجېن بولۇشى، قانداق ئادەم يېتىشتۈرۈش، ئادەمنى قانداق يېتىشتۈرۈش، كىم ئۈچۈن يېتىشتۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ تۈپ مەسىلىنى ياخشى ھەل قىلىش شەرت. يېڭى دەۋردىكى ھەربىي مائارىپ فاڭجېنى-پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈشكە مۇلازىمەت قىلىپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم يېتىشتۈرۈپ، ئۇرۇش ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەپ، ئەخلاقلىق ھەم قابىلىيەتلىك يۇقىرى ساپالىق، كەسىپلەشكەن يېڭىچە ھەربىي ئىشلار ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشتىن ئىبارەت. يېڭى دەۋردىكى ھەربىي مائارىپ فاڭجېنى-ھەربىي مائارىپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ تۈپ قوللانمىسى، ئۇنى ئومۇميۈزلۈك، توغرا ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ