مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بالىلارنى تور خۇمارىدىن قۇتۇلدۇرايلى

2019.11.28 14:51 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ تورغا بېرىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تۈزۈمى تەدرىجىي ھالدا بىر سىستېما بولۇپ شەكىللەندى. بىراق، كۆزلىگەن ئۈنۈمگە ئېرىشىش ئۈچۈن، ئۇ سىستېمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە ئىجرا قىلىش دەل ئۇ تۈزۈمنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتىدۇر.

  يېقىندا، دۆلەت ئاخبارات-نەشرىيات مەھكىمىسى «قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ تور ئويۇنىغا بېرىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقىتىپ، تور ئويۇنى ئابونتلىرىنىڭ ھېسابات نومۇرىنى ھەقىقىي ئىسمى بىلەن رويخەتكە ئېلىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ تور ئويۇنىنى ئويناش ۋاقت بۆلىكى ۋە ۋاقت ئۇزۇنلۇقىنى قاتتىق كونترول قىلىش، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە ھەق تۆلەش مۇلازىمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، كەسىپلەرنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ھەقىقىي كۈچەيتىش، ئوقۇش يېشىدىكىلەرگە ئەسكەرتىش قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش ئۈستىدە ئىزدىنىش، ئاتا-ئانىلار ۋە مەكتەپ قاتارلىق جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە كۈچلىرىنى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە بولغان ۋەسىيلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا پائال يېتەكلەش قاتارلىق ئالتە جەھەتتىن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ تور ئويۇنىغا بېرىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى ۋە كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  2018- يىلى ياش-ئۆسمۈرلەرگە قارىتىلغان مەملىكەت خاراكتېرلىك تۇنجى قېتىملىق مەخسۇس جەمئىيەت تەكشۈرۈش «جۇڭگو ياشلار-ئۆسمۈرلەر ئالاقە تورىنى ئىشلىتىش ۋە تور بىخەتەرلىكى ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دوكلاتى»دا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: %24 ياش-ئۆسمۈرنىڭ ھەر كۈنى تورغا چىقىش ۋاقتى 2 - 4 سائەتكە يېتىدىكەن. بەزى ئۆلكىلەرنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، قۇرامىغا يەتمىگەن تور ئەھلىلىرى ئىچىدە، تورغا چىقىش سەۋەبىدىن تەن ساغلاملىقى، ئۆگىنىشى ۋە تۇرمۇشىغا ناچار تەسىر يەتكەنلەر ھەتتا %40كە يەتكەن.

  تېخىمۇ ئېغىر بولغىنى، تورغا خۇمار بولۇش يەنە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىدىكى مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى بولغان. نۇرغۇن دېلو مىساللىرى ۋە ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشى بىلەن تورغا خۇمار بولۇشى ئىنتايىن زىچ مۇناسىۋەتلىككەن.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلىمىز قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ تورغا بېرىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئۈزلۈكسىز يېڭى سىياسەت-تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇردى. يېقىندا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنى قاراپ چىقتى. بۇنىڭ ئىچىدە، «تورنى قوغداش» مەخسۇس تامغىسى تەسىس قىلىنىپ، تور مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمەت قىلغۇچىلار قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە مەپتۇن بولۇش ئېھتىمالى بولغان مەزمۇن بىلەن تەمىنلەشتىن ساقلىنىشى، ئائىلە، مەكتەپ ۋە ئالاقىدار ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ئۆزئارا ماسلىشىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ تورغا بېرىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ۋە ئۇنىڭغا ئارىلىشىشى كېرەك، دەپ تەكىتلەندى. قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىدە، «تورغا بېرىلىپ كېتىش تۈپەيلى نورمال ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇشقا تەسىر يەتكۈزۈش» ھادىسىسىنى ئارىلىشىپ تۈزەش زۆرۈر بولغان ناچار قىلمىشلارنىڭ بىرى قىلىپ بېكىتىش كېرەك ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

  قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ تورغا خۇمار بولۇشتىن يىراق تۇرۇشىغا ياردەم بېرىشتە، ئائىلە، مەكتەپ ۋە جەمئىيەتنىڭ بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈش ئاچقۇچلۇق ئامىلدۇر. كارخانا ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇلار ئىقتىسادىي مەنپەئەتنى قوغلىشىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتكە سەل قارىماسلىقى كېرەك، مەسئۇلىيەت ئېڭىنى قانۇن نۇقتىسىدىن كۈچەيتىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداشنى ئالدىنقى ئۇچتىن كۈچەيتىش كېرەك؛ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، تۈزۈمنىڭ قاتتىق چەكلىمىسىنى كۈچەيتىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ تورغا خۇمار بولۇپ قېلىشىنى مەنبەدىن توسۇپ، كۆپ خىل ۋاسىتىلەرنى ئۇنىۋېرسال قوللىنىپ، قانۇن ئىدارە قىلىشنىڭ نوپۇزىنى قوغداش كېرەك؛ ئائىلە ۋە مەكتەپ ئۈچۈن ئېيتقاندا، يېتەكلەش تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، بالىلارنىڭ تورغا ساغلام ھالدا چىقىپ ۋە تورنى توغرا ئىشلىتىشىگە ياردەم بېرىش كېرەك. قول تۇتۇشۇپ، ئورتاق تىرىشقاندىلا، ئاندىن تورغا خۇمار بولۇش مەسىلىسىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ، بالىلارغا ئوچۇق تور بوشلۇقى يارىتىپ بەرگىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ