مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«چۇمانى داۋالاش مۇمكىن ئەمەس»، «G5 ئەما قىلىپ قويىدۇ» دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى پىتنە-ئىغۋا

2019.12.02 15:38 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  چۇمانى داۋالايدىغان دورا يوقمۇ؟ G5 يان تېلېفونىغا مىللىمېتىرلىق دولقۇن ئىشلىتىلگەنلىكتىن، كۆرمەس قىلىپ قويامدۇ؟ بەزى چىش پاستىلىرى ئاشقازان چىقىش ئېغىزى بۇرمىسىمان تاياقچە باكتېرىيەسىنى ئۆلتۈرۈپ، ئاشقازان كېسىلى ۋە ئاشقازان راكىنىڭ ئالدىنى ئالالامدۇ؟... بۇلارنىڭ ھەممىسى پىتنە-ئىغۋا. تۈنۈگۈن بېيجىڭ شەھەرلىك پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى، بېيجىڭ شەھەرلىك ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى، پايتەخت ئالاقە تورى جەمئىيىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە بېيجىڭ پەن-تېخنىكا مۇخبىرلىرى تەھرىرلىك جەمئىيىتى، بېيجىڭ رايونى تور بېكەتلەر بىرلەشمە رەددىيە سۇپىسى بىرلىكتە 11-ئايلىق «‹ئىلمىي› پىتنە- ئىغۋا تىزىملىكى»نى ئېلان قىلىپ، يالغان ئىغۋالارغا زەربە بەردى.

  «چۇما كېسىلى بىلەن ئۆلۈش نىسبىتى %100كە يېتىدۇ، دورا بىلەن ساقايتقىلى بولمايدۇ» دېگەن گەپلەر يېقىندا تارقىلىپ كەتتى. پىتنە-ئىغۋالارغا رەددىيە بېرىش سۇپىسىدا رەددىيە بېرىلىپ مۇنداق دېيىلدى: تارىختا چۇما ھەقىقەتەن كەڭ دائىرىلىك ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، لېكىن بۇ ئەينى چاغدا كىشىلەرنىڭ چۇمانىڭ كېسەللىك سەۋەبى، داۋالاش، ئالدىنى ئېلىش قاتارلىقلارغا بولغان تونۇشى يېتەرلىك ئەمەسلىكىدىن بولغان ئىدى. گەرچە ئىنسانلار چۇمادىن ئومۇميۈزلۈك ئاسان يۇقۇملانسىمۇ، لېكىن ھازىرقى زامان مېدىتسىناسىدا چۇما كېسەللىرىنى قېلىپلاشقان ئانتىبىئوتىكلار ئارقىلىق داۋالىغىلى بولىدۇ. ئەگەر بىمارلارغا بالدۇر دىياگنوز قويۇلۇپ ھەمدە ئۆلچەملىك داۋالانسا، ساقىيىش نىسبىتى ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ، گۇمانلىق ئۇچراشقانلارمۇ ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك داۋالاش ئارقىلىق كېسەللىكتىن ساقلىنالايدۇ.

  بەزىلەر: 5G يۈكلىمە چاستوتىسى مىللىمېتىرلىق دولقۇن بۆلىكى بولۇپ، مىللىمېتىرلىق دولقۇننىڭ كۆزگە بولغان زىيىنى ناھايىتى چوڭ، سېرىق داغنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئىشلىتىش ۋاقتى بەك ئۇزاق بولۇپ كەتسە كۆرمەس بولۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئېلىمىزدىكى ئۈچ چوڭ تىجارەت سودىگىرىنىڭ 5G ئالاقىسىدا ئىشلەتكىنى ئوتتۇرا، تۆۋەن چاستوتا بولۇپ، چاستوتا بۆلىكى Ghz3 تىن Ghz6 قىچە ئارىلىقتا بولىدۇ، بۇ، سانتىمېتىرلىق دولقۇن بۆلىكىگە تەۋە. يانتېلېفون ئېلېكتىر ماگنىت دولقۇنىنىڭ ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى ھاسىل قىلىش مەسىلىسىگە قارىتا، تەجرىبە سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، خۇاۋېي، جۇڭشىڭ قاتارلىق دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ماركىلىق يان تېلېفونلار ھەمدە ئالما، سامسۇڭ قاتارلىق چەت ئەل ماركىسىدىكى يان تېلېفونلارنىڭ ئېلېكتىر ماگنىت دولقۇنىنىڭ قوبۇل قىلىنىش نىسبىتى W/kg2.0 لىق دۆلەت ئۆلچىمىدىن تۆۋەن بولۇپ، نورمال ئىشلىتىش ئادەمنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. «سېرىق داغ ئۆزگىرىشى» ياشانغانلاردا دائىم كۆرۈلىدىغان بىر خىل كېسەللىك، چۈنكى ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ كۆرۈش توقۇلمىلىرى چېكىنىپ، نېپىزلەپ، سېرىق داغ ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كىلىنىكىدا، كۆزنى مۇۋاپىق ئىشلەتمىگەچكە سېرىق داغ زەخىملىنىش ھادىسىسى پەقەت تاغقا ياماشقۇچىلار كۆز ئاسراش ئەينىكى تاقىماسلىق قاتارلىق ئىنتايىن ناچار شارائىتتىلا پەيدا بولىدۇ.

  «چىش پاستىسىنىڭ ئاشقازان چىقىش ئېغىزى بۇرمىسىمان تاياقچە باكتېرىيەسىنى ئۆلتۈرۈپ، ئاشقازان كېسىلى ۋە ئاشقازان راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى» تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس. ئاشقازان چىقىش ئېغىزى بۇرمىسىمان تاياقچە باكتېرىيەسى ئاساسلىقى ئاشقازاندا بولۇپ، ئېغىز بوشلۇقىدا پەقەت بىر قىسمى تارقاق ھالەتتە مەۋجۇد بولۇپ تۇرىدۇ، يالغۇز ئېغىز بوشلۇقىدا باكتېرىيە ئۆلتۈرۈشنىڭ ئەھمىيىتى چوڭ ئەمەس. نۆۋەتتە مەلۇم چىش پاستىسىنىڭ ئېغىز بوشلۇقىدىكى ئاشقازان چىقىش ئېغىزى بۇرمىسىمان تاياقچە باكتېرىيەسىنى تەلتۆكۈس يوقىتالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ئىسپات يوق. بەزى چىش پاستىلىرىنىڭ تەشۋىقاتىدا دېيىلگەن ئىلمىي تەتقىقاتلارنىڭ ھەممىسى تەن سىرتىدا سىناق قىلىش ۋە ھايۋانلارنى تەجرىبە قىلىش باسقۇچىدا توختاپ قالغان بولۇپ، تەشۋىقاتتا دېيىلگەن ئاجايىپ ئۈنۈمگە يېتىشتىن بەكلا يىراق. ئاشقازان چىقىش ئېغىزى بۇرمىسىمان تاياقچە باكتېرىيەسى بىمارلىرى دوختۇرخانىنىڭ ھەزىم قىلىش بۆلۈمىگە بېرىپ مۇنتىزىم داۋالىنىشى كېرەك.

  «بەك كۆپ ئۇخلاش دېۋەڭلىك خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ» ۋە «مېڭە ئېلېكتىر دولقۇنىدا دىققىتى چېچىلىپ كېتىشنى كۆزىتىش ھالقىسىنى تاقىغاندا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دىققىتىنى يىغىشىغا باھا بەرگىلى بولىدۇ» دېگەنلەرمۇ پىتنە-پاسات. يېتەرلىك ۋە قانۇنىيەتلىك ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىش ئىنتايىن مۇھىم، كۈندۈزى چارچاش ھېس قىلمايدىغان، زېھنىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان بولسا ئەڭ ياخشى ئۇيقۇ ھېسابلىنىدۇ. «دىققىتى چېچىلىشنى كۆزىتىش ھالقىسى»دىمۇ فىزىكىلىق قوللاش كەمچىل بولۇپ، فىزىكىدا مېڭە ئېلېكتىر سىگنالىنى توغرا ئۆلچەپ چىقالىغان تەقدىردىمۇ، مېڭە ئېلېكتىر سىگنالىدىن شەكىللەنگەن مېڭە ئېلېكتروگرامما ئىنتايىن مۇرەككەپ بولىدۇ، بۇنىڭلىق بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ «دىققىتى چېچىلىپ كەتكەن-كەتمىگەنلىكى»گە ھۆكۈم قىلغىلى بولمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ