مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش خىزمىتىگە مۇھىم تەستىق سالدى

2019.12.02 15:06 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  12-ئاينىڭ 1-كۈنى 32-دۇنيا ئەيدىز كۈنى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ يېقىندا ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش خىزمىتىگە مۇھىم تەستىق سالدى. تەستىقتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئىلىش، داۋالاش خەلق ئاممىسىنىڭ تەن ساغلاملىقى ۋە ھاياتى بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك، ساغلام جۇڭگو قۇرۇشتىكى مۇھىم ۋەزىپە. ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى بىلەن دۆلىتىمىزدە ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىر قىسىم ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك يېڭى ئەھۋاللارغىمۇ دۇچ كەلدۇق. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش سىستېمىسىنى ئىسلاھ قىلىش، مۇكەممەللەشتۈرۈشنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، مېخانىزم ۋە ئۇسۇلدا داۋاملىق يېڭىلىق يارىتىپ، ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمىتىنى ياخشى قىلىپ، تورنى زىچلاشتۇرۇپ، نۇقتىلىق رايون، نۇقتىلىق كىشىلەر توپى، نۇقتىلىق ھالقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئەيدىز كېسىلى قاتارلىق زور يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىنى قىلچە بوشاشماستىن چىڭ تۇتۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ۋە تارماقلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش سېلىنمىسىنى كۆپەيتىپ، قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش، داۋالاش كاپالىتى قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، دورا تەتقىقاتى قاتارلىق پەن-تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئادىمىيەت غەمخورلۇقىنى كۈچەيتىپ، بىمارنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاش كېرەك. ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەلىم-تەربىيە، ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئۈنۈمدارلىقىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، تەكشۈرۈش كۆزىتىش، ئالدىن سىگنال بېرىشنى كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا قاتنىشىش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ تەن ساغلاملىقىنى قوغداش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ