جۇڭگو-رۇسىيە گاز تۇرۇبىسىنىڭ شەرقىي لىنىيەسىدىكى تەبىئىي گاز تۇرۇبىسىنى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈپ گاز يەتكۈزۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

شى جىنپىڭ پۇتىن بىلەن ۋىدىيودا كۆرۈشۈپ تەبىئىي گاز يەتكۈزۈشكە گۇۋاھ بولدى

خەن جېڭ مۇراسىمغا قاتناشتى

2019.12.03 14:01 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 12-ئاينىڭ 2-كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭدا رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن ۋىدىيودا كۆرۈشۈپ، جۇڭگو-رۇسىيە گاز تۇربىسىنىڭ شەرقىي لىنىيەسىدىكى تەبىئىي گاز تۇرۇبىسىنى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈپ گاز يەتكۈزۈش مۇراسىمىغا بىرلىكتە گۇۋاھ بولدى.

  گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ مۇراسىمغا قاتناشتى.

  شى جىنپىڭ ۋىدىيو ئارقىلىق، سوچىدىكى پۇتىن بىلەن ئۆز ئارا ئەھۋاللاشتى.

  شى جىنپىڭ تەبىئىي گاز تۇرۇبىسىنى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈپ گاز يەتكۈزۈلگەنلىكىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، ھەمدە ئىككى دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇشچىلىرىغا چىن قەلبىدىن رەھمەت ئېيتتى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: شەرقىي لىنىيە تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى-جۇڭگو-رۇسىيە ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىنىڭ بەلگە خاراكتېرلىك تۈرى، شۇنداقلا ئىككى تەرەپنىڭ چوڭقۇر ئالاقە باغلاش ۋە ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئېلىشىنىڭ ئۈلگىسىدۇر. 2014-يىلى، مەن زۇڭتۇڭ پۇتىن بىلەن ئىككى تەرەپنىڭ تۈر ھەمكارلىق ھۆججىتىنى ئىمزالىشىغا گۇۋاھ بولغان. بەش يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇشقا قاتناشقان ئورۇنلىرى زىچ ھەمكارلاشتى، قۇرۇلۇشچىلار قەھرىتان سوغۇقلاردا ئىشلەپ، تەبىئەت بىلەن كۈرەش قىلىپ، قۇرۇلۇش ۋەزىپىسىنى يۇقىرى سەۋىيە ۋە يۇقىرى سۈپەتتە ئورۇنلاپ، دۇنياغا چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋەنلىرىنىڭ كامالەتكە يەتكەن تېخنىكىسىنى نامايان قىلىپ، جۇڭگو-رۇسىيە ھەمكارلىقىنىڭ مول نەتىجىسىنى گەۋدىلەندۈردى. ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈپ گاز يەتكۈزۈش بولسا، ئۇ، مۇھىم بىر باسقۇچلۇق نەتىجە ھېسابلىنىدۇ. تېخىمۇ مۇھىمى،ئۇ يېڭى ھەمكارلىقنىڭ باشلانمىسىدۇر. ئىككى تەرەپ چوقۇم بىخەتەر تۇرۇبا، يېشىل تۇرۇبا، تەرەققىيات تۇرۇبىسى ۋە دوستلۇق تۇرۇبىسى بەرپا قىلىپ، تۇرۇبا قۇرۇلۇشى ۋە ئۇنى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈشنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئىشەنچلىكلىكىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، تۇرۇبا بويىدىكى رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي ۋەئىجتىمائىي جەھەتتىكى سىجىلچان تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ