مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئامېرىكىنىڭ «شىنجاڭ ئارقىلىق جۇڭگونى چەكلەش» سۇيىقەستى ھەرگىز ئەمەلگە ئاشمايدۇ

2019.12.05 14:36 مەنبە: خەلق تورى

  شۇ جاي ۋاقتى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى ئامېرىكا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسى ئاتالمىش «2019-يىللىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللىدى. بۇ قانۇن لايىھەسى جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئەھۋالىغا قەستەن قارا چاپلاپ، جۇڭگونىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ۋە تېررورلۇققا زەربە بېرىش تىرىشچانلىقىغا ھەدەپ قارا چاپلاپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىگە يامان نىيەتتە ھۇجۇم قىلىپ، خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئاساسىي مىزانىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئېغىر دەرىجىدە ئارىلاشقان بولۇپ، «شىنجاڭ ئارقىلىق جۇڭگونى چەكلەش»تەك رەزىل نىيىتىنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلىدى. جۇڭگو بۇنىڭغا قاتتىق غەزەپلىنىدۇ، قەتئىي قارشى تۇرىدۇ.

  شىنجاڭنىڭ ئىشلىرى پۈتۈنلەي جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا تەۋە، ھەرقانداق دۆلەتنىڭ ئارىلىشىش ھوقۇقى يوق. شىنجاڭ مەسىلىسى مىللەت، دىن، ئىنسانىي ھوقۇق مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش مەسىلىسى. ھەممىگە ئايان، شىنجاڭ ئىلگىرى زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغان. كەسكىن ۋەزىيەت ئالدىدا، شىنجاڭ قانۇن بويىچە كەسپىي ماھارەت تەلىم-تەربىيە مەركىزى قۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قانۇن بويىچە زەربە بېرىپ، مەنبەدىن تۈزەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈردى. بۇ تەدبىرلەر شىنجاڭدا ئۈچ يىلدىن بۇيان بىر قېتىممۇ تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەسىنىڭ يۈز بەرمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتلىق ھوقۇقى، ياشاش ھوقۇقى، تەرەققىيات ھوقۇقىغا ئەڭ زور دەرىجىدە كاپالەتلىك قىلىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭدىكى 25 مىليون ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئومۇميۈزلۈك قوللىشىغا ئېرىشىپ، دۇنيانىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىشلىرىغا پائال تۆھپە قوشتى.

  ئامېرىكىنىڭ شىنجاڭغا چېتىشلىق قانۇن لايىھەسى ئىنسانىي ھوقۇقنى قوغداش نىقابىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، شىنجاڭنىڭ قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە تېررورلۇققا زەربە بېرىش، ئىنسانىي ھوقۇقنى قوغداش تىرىشچانلىقىنى كۆرمەسكە سېلىپ، شىنجاڭنىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىنلار ئىناقلىقىدىن ئىبارەت چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى كۆرمەسكە سېلىپ، ئەكسىچە پاكىت ئويدۇرۇپ، ئاق-قارىنى ئاستىن- ئۈستۈن قىلىپ، ھەق-ناھەقنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى چەكلىدى. 1 مىليارد 400 مىليون جۇڭگو خەلقى بۇ زومىگەرلىك ۋە يولسىزلىققا ھەرگىز يول قويمايدۇ، ھەققانىيەتچىل ۋە ئىلغار كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ھەرگىز يول قويمايدۇ.

  يوللۇقلارغا ھەممە ھەمدەم بولار، يولسىزلار يالغۇز قالار. خەلقئارا جەمئىيەت جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىگە ئومۇميۈزلۈك ئىجابىي باھا بەردى. پەقەت بۇ يىلدىن بۇيان، مەيلى ب د ت ئىنسانىي ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 3-نۆۋەتلىك دۆلەت ئايرىمىسى بويىچە ئىنسانىي ھوقۇقنى قاراپ چىقىشى بولسۇن ياكى نەچچە ئون دۆلەت بىرلىشىپ ب د ت ئىنسانىي ھوقۇق كېڭىشىنىڭ رەئىسى ۋە ئىنسانىي ھوقۇق مەخسۇس خادىمىغا خەت يوللاش بولسۇن خەلقئارا جەمئىيەت جۇڭگونىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى كۆپ قېتىم ماختىدى، جۇڭگونىڭ شىنجاڭدا قوللانغان تەدبىرلىرىنى قوللىدى. يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن ب د ت يىغىنىنىڭ 3- كومىتېتى يىغىنىدا، بېلارۇسىيە 54 دۆلەتكە ۋاكالىتەن ئورتاق سۆز قىلدى، 30 نەچچە دۆلەت ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلىپ، جۇڭگونىڭ شىنجاڭدا قوللانغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرىنى بەس-بەستە قوللىدى، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ شىنجاڭغا چېتىشلىق مەسىلىلەردىن پايدىلىنىپ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا قەتئىي قارشى تۇردى، «ئىنسانىي ھوقۇق مەسىلىسىنى سىياسىيلاشتۇرۇشنى توختىتىش»، «جۇڭگونى قىلچە ئاساسسىز ئەيىبلەشنى توختىتىش» قاتارلىق ھەققانىيەت ساداسى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئورتاق تونۇشىنى ئىپادىلىدى. ئامېرىكا تەرەپ شىنجاڭغا چېتىشلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە كۈچ سەرپ قىلىپ، پاكىتقا پۈتۈنلەي خىلاپلىق قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئاساسىي ئېقىم خەلق رايىغا پۈتۈنلەي خىلاپلىق قىلغان بولۇپ، ئامېرىكا تەرەپنىڭ جۆيلۈشلىرى پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ، كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە چوقۇم ياقمايدۇ.

  جۇڭگو خەلقى يامانلىققا ئىشەنمەيدۇ، يامانلىقتىن قورقمايدۇ، ئىش تېرىمايدۇ ھەم ئىشتىن قورقمايدۇ. ئامېرىكا تەرەپ شىنجاڭغا چېتىشلىق مەسىلىلەردىن پايدىلىنىپ جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى توسۇشقا ئۇرۇنۇپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىگە قايتا-قايتا ھۇجۇم قىلىپ، جۇڭگونىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەدبىرلىرىگە قەستەن قارا چاپلاپ، شىنجاڭغا چېتىشلىق قانۇن لايىھەسىنى جان-جەھلى بىلەن تۈزۈپ چىقتى، ئامېرىكىنىڭ قىلغان-ئەتكەنلىرى ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدىكى قوش ئۆلچىمىنى يەنىمۇ ئاشكارىلىدى، جۇڭگو خەلقىگە ئۆزىنىڭ ساختا ياخشىلىق ۋە رەزىل نىيىتىنى يەنىمۇ ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. مەيلى بوران- چاپقۇننىڭ ھۇجۇمىغا قانچە ئۇچرىسۇن، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئەتىنى قوغداش ئىرادىسى قەتئىي تەۋرەنمەيدۇ؛ يول ئەگرى-توقاي بولسىمۇ، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش قەدىمىنى توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ. ئامېرىكىنىڭ شىنجاڭغا چېتىشلىق مەسىلىلەردىن پايدىلىنىپ جۇڭگونىڭ مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە بۆلگۈنچىلىك سېلىش، شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى چەكلەش سۇيىقەستى ھەرگىز ئەمەلگە ئاشمايدۇ.

  دەۋر ئېقىمىنى كەينىگە ياندۇرغىلى بولمايدۇ، ئېقىمغا تەتۈر ھەرىكەت قىلىش مەغلۇپ بولىدۇ. ئامېرىكىنىڭ ۋەزىيەتنى ئېنىق تونۇپ، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى تەپەككۇرى ۋە تىنچسىزلىق تىركىشىش قارىشىنى چۆرۈپ تاشلاپ، شىنجاڭغا چېتىشلىق مەسىلىلەردىن پايدىلىنىپ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنى توختىتىپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى قوغداشنى مۇھىم بىلىپ، جۇڭگو-ئامېرىكا ئۆزئارا ئىشىنىش ۋە ھەمكارلىشىشقا پايدىلىق ئىشلارنى كۆپرەك قىلىپ، خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقىنى ئورتاق كۈچەيتىپ، دۇنيا ۋە رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشقا دەۋەت قىلىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ