مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ بازارلاشتۇرۇش، قانۇن ئىدارە قىلىش، خەلقئارالاشقان سودا مۇھىتى قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ يېڭى كارخانىلارنىڭ ئېچىلىشى ۋە تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك، دېدى

خەن جېڭ ئالاقىدار يىغىنلارغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى

2019.12.03 13:45 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «گۇۋاھنامە بىلەن كىنىشكىنى ئايرىش» ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى بويىچە تەربىيەلەشكە سەپەرۋەر قىلىش، ئورۇنلاشتۇرۇش تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ يېقىندا ئەركىن سودا سىناق رايونىدا «گۇۋاھنامە بىلەن كىنىشكىنى ئايرىش» ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك قاپلاش سىنىقىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بەردى. تەستىقىي يوليورۇقتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: «گۇۋاھنامە بىلەن كىنىشكىنى ئايرىش» ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ___ «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، سودا مۇھىتىنى ياخشىلاش، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى تېخىمۇ ئۇرغۇتۇشتىكى مۇھىم تەدبىر.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ سودا مۇھىتى سىجىل ياخشىلىنىپ، دۇنيا بويىچە ئورنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. لېكىن خەلقئارادىكى ئىلغار سەۋىيەگە سېلىشتۇرغاندا يەنە نۇرغۇن يېتەرسىزلىكلەر مەۋجۇت، باھالاشقا قاتناشقان شەھەرلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، دۆلىتىمىزدىكى باشقا شەھەرلەرنىڭ سودا مۇھىتىدىمۇ خېلى پەرق بار. بازارلاشتۇرۇش، قانۇن ئىدارە قىلىش، خەلقئارالاشقان سودا مۇھىتى قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى تېخىمۇ زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، «گۇۋاھنامە بىلەن كىنىشكىنى ئايرىش» ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، كىنىشكىنى داۋاملىق ئازايتىش ۋە تەستىقلاشنى ئاددىيلاشتۇرۇشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئىجازەت قىلىپ تىجارەت قىلىشقا رۇخسەت قىلماسلىق» ھادىسىسىنى قەتئىي تۈگىتىپ، تېخىمۇ كۆپ يېڭى كارخانىلارنىڭ ئېچىلىشى ۋە تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ