ئېغىر خورەك تارتىش ياشانغانلارنىڭ سالامەتلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ، قانداق داۋالاش كېرەك؟ ئالدى بىلەن ئوقۇرمەنلەرگە ئاساسلىقى تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەڭشەشتىن ئىبارەت ئادەتتىكى داۋالاشنى تونۇشتۇرىمىز.
بىرىنچى، ياخشى ئادەتنى ساقلاڭ. ئەڭ ياخشىسى تاماكا تاشلاش كېرەك، چۈنكى تاماكا چېكىش نەپەس يولىنى غىدىقلاپ، نەپەس يولىنىڭ راۋان بولماسلىقىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئىمكانقەدەر ھاراق ئىچمەسلىك، قېنىق چاي، قەھۋە ئىچمەسلىك، بەزى دورىلارنى ئىچمەسلىك كېرەك (مەسىلەن، تىنچلاندۇرۇش دورىسى، ئۇيقۇ دورىسى قاتارلىقلار).
ئىككىنچى، ئېغىرلىقىڭىزنى كېمەيتىشكە دىققەت قىلىڭ. بەدەن ئېغىرلىقىڭىز چۈشكەندە، بىر تەرەپتىن ماينىڭ يۇتقۇنچاق قىسمىدىكى يۇمشاق توقۇلمىلار ئارىسىدىكى يىغىلىشىنى ئازايتىپ، خورەك ئاۋازىنى پەسەيتىدۇ؛ يەنە بىر تەرەپتىن، بەدەن ئېغىرلىقىنى كېمەيتىشتە، بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك، بەدەن چېنىقتۇرۇش ئارقىلىق مۇسكۇلنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرۈپ، يۇتقۇنچاق مۇسكۇلىنىڭ بوشىشىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان خورەك تارتىشنى ئازايتقىلى بولىدۇ.
ئۈچىنچى، ئۇخلىغان ۋاقىتتىكى بەدەن ئورنىنى ئۆزگەرتىڭ. خورەك تارتىدىغانلار ئوڭدىسىغا ياتقاندا، خورەك تارتىش كېسەللىك ئالامەتلىرى ئەڭ روشەن بولىدۇ، چۈنكى تۈز ياتقاندا تىل يىلتىزى، يۇمشاق تاڭلاي، كىچىك تىل بوشىشىپ چۈشۈپ كېتىدۇ، يۇتقۇنچاق بوشلۇقى تېخىمۇ ئاسان ئولتۇرۇشۇپ تارىيىدۇ، يانچە ياتقاندا بۇ خىل ئولتۇرۇشۇپ كېتىشنى پەسەيتكىلى بولىدۇ. ئۇخلىغاندا دۈمبىگە بىر كىچىك توپنى يۈدۈۋېلىش تەكلىپى بېرىلىدۇ، بۇنداق بولغاندا مەجبۇرىي ھالدا يانچە يېتىپ ئۇخلاشقا پايدىلىق.
تۆتىنچى، مۇۋاپىق ياستۇقنى تاللاڭ. بەزىلەر ياستۇقنى ئېگىزلىتىش نەپەسنى ياخشىلاشقا پايدىلىق دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە ئەكسىچە بولىدۇ. ئەڭ ياخشىسى يۇمشاق، ئېلاستىكىلىقى بار ياستۇقنى تاللاش كېرەك، بۇ، نەپەسنى راۋانلاشتۇرۇشقا پايدىلىق.
ئەگەر يۇقىرىقى تەڭشەشنىڭ ئۈنۈمى ياخشى بولمىسا، دوختۇرخانىغا بېرىپ مەخسۇس داۋالىنىشنى ئويلىشىش كېرەك. مەخسۇس داۋالىنىشتىن بۇرۇن خورەك تارتىش دەرىجىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن، كۆپ قېتىم ئۇخلىغاندا نەپەسلىنىشنى كۆزىتىش ئېلىپ بېرىش زۆرۈر، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بەزى مەخسۇس تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بېرىپ، تار ئورۇننى بېكىتىش، ئاندىن ئوخشاش بولمىغان داۋالاش لايىھەسىنى قاراتمىلىقى بولغان ھالدا تاللاش كېرەك.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى