مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تەڭ بەھرىمەن بولۇش ۋە بەدەل تۆلەش تەنھالىقىڭىزنى يوقىتىدۇ

گۇاڭدۇڭ تېخنىكا پېداگوگىكا داشۆسى پىسخىكا ساغلاملىق تەربىيەسى ۋە مەسلىھەتچىلىك مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى رېن زېڭخۇي

2019.12.04 14:53 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  ئىلگىرى توردا «خەلقئارالىق تەنھالىق دەرىجىسى جەدۋىلى» دەپ ئاتالغان بىر پارچە رەسىم تارقالغان بولۇپ، ئۇنىڭدا تەنھالىق تۇيغۇسى 10 دەرىجىگە ئايرىلغان، 1-دەرىجىدىن 10-دەرىجىگىچە ئايرىم- ئايرىم ھالدا: بىر ئادەم تاللا بازىرىنى ئايلىنىش، بىر ئادەم تاماق يېيىش، بىر ئادەم قەھۋەخانىغا بېرىش، بىر ئادەم كىنو كۆرۈش، بىر ئادەم يەلقازان شورپىسى يىشىش، بىر ئادەم KTV غا بېرىش، بىر ئادەم دېڭىزنى سەيلە قىلىش، بىر ئادەم شادلىق باغچىسىغا بېرىش، بىر ئادەم ئۆي كۆچۈش، يەنە بىر ئادەم ئوپېراتسىيەگە بېرىش. نۇرغۇن ياشلار ئۆزلىرىنىڭ يۇقىرىدى ئىشلارنىڭ كۆپىنچىسىنى دائىم قىلىدىغانلىقىنى دېيىشكەن، ھەتتا بىر ئادەم ئۇزاق ۋاقىت يان تېلېفون APP دا بېلەت ئېلىپ كىنو كۆرگەن بولسا، چوڭ سانلىق مەلۇماتلار تەرىپىدىن بىۋاسىتە «بويتاق ئىت» دەپ بەلگە قويۇلىدۇ.

  گەرچە بۇ بىر ئىلمىي مىقدار جەدۋىلى بولمىسىمۇ، لېكىن تەنھالىق تۇيغۇسىنىڭ ھازىرقى زامان ياشلىرى توپىدا «مودا» بولغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. نېمە ئۈچۈن كىشىلەر ئومۇميۈزلۈك ھالدا بارغانسېرى يالغۇزلۇق، تانھالىق ھېس قىلىدۇ؟

  تۇرمۇش رېتىمى تېز، كۆڭۈل سۆزىڭىزگە قۇلاق سالىدىغان ھېچكىم يوق. جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى تۇرمۇش رېتىمىمىزنى بارغانسېرى تېزلەتتى، بولۇپمۇ چوڭ شەھەرلەردە تۇرمۇش بېسىمى ئېغىر، خىزمەت سىجىللىقى يۇقىرى، ئۆزىڭىزگە بولغان ئۈمىد يۇقىرى... كۆپ ساندىكى كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا تۇرمۇش جاپالىق، بېسىم ۋە ئالدىراشلىق ئىچىدە ھېچكىمنىڭ باشقىلارنىڭ دەردىگە قۇلاق سېلىش ۋە ھەمراھ بولۇشقا ۋاقتى يوق. تەنھالىق چوڭلار جەمئىيىتىنىڭ بېسىمىغا تاقابىل تۇرۇشتىكى بىر خىل مۇقەررەرلىك.

  كىشىلەر ئارىسىدىكى ۋە ئاخىرقى مەنىدىكى تەنھالىق ئالدىدا، بىز نېمىلەرنى قىلالايمىز؟

  بىرىنچى، ئوقۇش ۋە يېزىقچىلىق جەريانىدا ئىچكى قەلبنىڭ ماكانىنى تېپىشقا ئۇرۇنۇپ بېقىڭ. چۈنكى تەنھالىقنىڭ ماھىيىتى دەل باشقىلار بىلەن قەلبىدىكى ئەڭ مۇھىم تەسىرات ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇرالماسلىقتۇر، ئەگەر سۆزلىشەلەيدىغان ئادەمنى تاپالمىسىڭىز، ئۇنداقتا ئۆزىڭىز بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ كىتاب ئوقۇسىڭىز ۋە يېزىقچىلىق قىلسىڭىز بولىدۇ. قەدىمدىن ھازىرغىچە، جۇڭگودىن چەت ئەلگىچە بولغان داڭلىق ئەسەرلەردە ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قەلب ساداسى يوشۇرۇنغان بولۇپ، كىشىلەرنى ئىلھاملاندۇرىدۇ ۋە تەسىرلەندۈرىدۇ. بىزمۇ ئوي-پىكىرىمىزنى كۈندىلىك خاتىرە قىلىپ ئۆزىمىزگە قۇلاق سېلىپ، ئۆزىمىزگە ھەمراھ بولساق بولىدۇ.

  ئىككىنچى، ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى قىلىش ئارقىلىق قەلبىڭىزنى تولۇقلاڭ. يۈزەكى ھەم ئەھمىيەتسىز ئىجتىمائىي ئالاقىدە ۋاقىت ئىسراپ قىلغاندىن كۆرە (كېيىن تېخىمۇ يالغۇزلۇق ھېس قىلىدۇ)، تەنھالىقتىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئىچكى دۇنياسىنى بېيىتقان ياخشى. مەسىلەن، تەنھەرىكەت قىلىش ياكى مەلۇم بىر ماھارەتنى ئۆگىنىش. بىر نىشانغا يۈرۈش قىلىش جەريانىدا، بىز ئۆزىمىزنى يالغۇزدەك ھېس قىلمايمىز، يەنە نۇرغۇن مەسلەكداش دوستلار بىلەن تونۇشىمىز.

  ئۈچىنچى، تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، ھەقىقىي ئويىڭىزنى ئىپادىلەڭ. ئادەمنىڭ قەلبى باشقىلارنىڭ قۇلاق سېلىشىنى، تەڭ بەھرىمەن بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ، ئەگەر بىز ئاۋۋال نىقابىمىزنى قەيسەرلىك بىلەن ئېلىۋېتىشنى خالىساق، باشقىلارغا چىن كۆڭلىمىزنى بىلدۈرسەك، ئاستا-ئاستا باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىمىز، يەنە سىرداش دوستلاردىن بولۇپ قېلىشىمىز مۇمكىن.

  تۆتىنچى، مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈپ، كىشىلىك مۇناسىۋەت ئارىسىدىكى چىتلاقلارنى بۇزۇپ تاشلاڭ. پىسخىكىلىق داۋالاش ئېقىمىدىكى «تاكتىكا ئېقىمىدىكىلەر»نىڭ ئىجادچىسى مىلتون ئېرىكسېن ئىنتايىن غەمكىن بىر تەنھا موماينى مۇنداق داۋالىغان: ئۇ ھېلىقى موماينىڭ ئافرىقا رۇخسارگۈلى تېرىشنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بايقاپ، ئۇنىڭغا: «سىزنىڭ گۈلىڭىز بۇنچە چىرايلىق ئىكەن، چوقۇم نۇرغۇن كىشىلەرگە خۇشاللىق ئېلىپ كېلىدۇ. سۈرۈشتۈرۈپ باقسىڭىز، شەھەردە كىمنىڭ ئۆيىدە توي قىلىش، بالىلىق بولۇش ياكى تۇغۇلغان كۈنى دېگەندەك خوشاللىق ئىشلار بولسا، ئۇلارغا بىر تەشتەك گۈل سوۋغا قىلسىڭىز، ئۇلار چوقۇم خۇشال بولۇپ كېتىدۇ»، دېگەن. موماي ئۇنىڭ دېگىنى بويىچە، زور مىقتاردا ئافرىقا رۇخسارگۈلى ئۆستۈرگەن، شەھەردىكى ھەممە ئادەم دېگۈدەك نەپكە ئېرىشكەن. بىر مەھەل ئىگە-چاقىسىز قالغان موماي شەھەردىكى ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن ئادەمگە ئايلانغان. «باشقىلارغا ئەتىرگۈل سوۋغا قىلسىڭىز، قولىڭىزدا خۇش پۇراق قالىدۇ»، مېھىر-مۇھەببەت ئاتا قىلسىڭىز، ئەڭ زور نەپكە ئېرىشكۈچى دەل ئۆزىڭىز بولىسىز. شۇڭا، ئاۋسترىيەلىك داڭلىق روھىي تېببىي ئالىمى ئادلېر دائىم يالغۇز قالغانلار ۋە غەمكىن بىمارلارغا: «پەقەت مۇشۇ رېتسېپىم بويىچە ئىش قىلسىڭىزلا، 14 كۈن ئىچىدە سىزنىڭ يالغۇزلۇقىڭىز، غەمكىنلىكىڭىز چوقۇم ساقىيىدۇ»، دەيدۇ. ئۇنىڭ بۇ رېتسېپى دەل: ھەر كۈنى، قانداق قىلغاندا باشقىلارغا ياردەم بېرىپ، باشقىلارغا خۇشاللىق ئېلىپ كېلەلەيدىغانلىقىڭىزنى ئويلاپ بېقىڭ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ