مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

2019.12.05 16:21 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ 12- ئاينىڭ 4-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى زور كۈچ بىلەن قوللاشنى تەلەپ قىلدى؛ مېيىپلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كاپالەت پۇلى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مېيىپلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشنى؛ «دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىش نىزامى (دەسلەپكى لايىھەسى)»نى ماقۇللاپ، قانۇنچىللىق ئۇسۇلى ئارقىلىق ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش جاھىل كېسىلىنى تۈزەشنى قارار قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى، بېيىش مەنبەسى. بۇ يىل كۆپ تەرەپ تەدبىر قوللىنىش ئارقىلىق، دۆلىتىمىزنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇپ، پۈتۈن يىلدا شەھەر-بازارلاردا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كۆزلىمە نىشانى مۇددەتتىن بۇرۇن ئىشقا ئاشۇرۇلدى. لېكىن ھازىر دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى خەۋپ- خەتەر، خىرىسلار كۆپىيىپ، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بېسىمى ئاشماقتا. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتىنى تېخىمۇ زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، ئىچكى ئېھتىياجنى پائال كېڭەيتىپ، تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىشكە تۈرتكە بولۇش ئاساسىدا، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تەدبىرلەرنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

  بىرىنچىدىن، جايلار مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى كۆزلەپ، تېخىمۇ كۆپ يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىش ئورنىنى قوللايدىغان تەدبىرلەرنى ئېلان قىلىپ، جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى چەكلەيدىغان نامۇۋاپىق بەلگىلىمىلەرنى چىڭ تۇتۇپ تازىلاپ ئەمەلدىن قالدۇرۇش كېرەك. «ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش»نى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرز پۇلى ئىلتىماس قىلىش شەرتىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك. يۇرتىغا قايتىپ تۇنجى قېتىم ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسى بار دېھقان ئىشلەمچىلەرگە يەرلىك بىر قېتىمدىلا مەبلەغ ياردىمى بەرسە بولىدۇ. يېڭى ئىشقا ئورۇنلىشىش ھالىتىدىكى خادىملارنىڭ كەسپىي زەخىمگە كاپالەتلىك قىلىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى يولغا قويۇش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىدىكى «كەمتۈك» ساھەلەرنى چۆرىدەپ، ئاممىۋى پاراۋانلىقى ئىش ئورنىنى كېڭەيتىشكە ئىلھام بېرىش كېرەك.

  ئىككىنچىدىن، كارخانىلارغا ياردەم بېرىپ، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ۋە ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى ھەققى نىسبىتىنى باسقۇچلۇق تۆۋەنلىتىپ، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىنى مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشقاندىن كېيىن قايتۇرۇش، شۇنداقلا ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ئىش ئورنىدا تەربىيەلەش ياردەم پۇلى سىياسىتىنى بىر يىل ئۇزارتىپ يولغا قويۇش كېرەك.

  ئۈچىنچىدىن، كەسپىي ماھارەتنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەش ئاساسىي ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. شەھەر-يېزىلاردىكى تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ داۋاملىق ئۆرلەپ ئوقۇيالمىغان، 20 ياشتىن تۆۋەن تىزىملانغان ئىشسىزلارنى ماھارەت تەربىيەسىگە قاتنىشىشقا تەشكىللەش ھەم بەلگىلىمە بويىچە تەربىيەلەش تولۇقلىمىسى بېرىش، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى يېزىلاردىكى ئوقۇغۇچىلار ۋە ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئەزالارغا يەنە تۇرمۇش تولۇقلىمىسى بېرىش كېرەك.

  تۆتىنچىدىن، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا كاپالەتلىك قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. شەھەر-يېزىلاردىكى ئەمگەكچىلەرنىڭ دائىمىي تۇرۇشلۇق جايدا ئىشسىزلىققا تىزىملىتىشىغا رۇخسەت قىلىش كېرەك. ئىشسىزلىق پۇلى ئېلىش مۇددىتى توشقان بولسىمۇ يەنىلا ئىشقا ئورۇنلاشمىغان، شۇنداقلا پېنسىيەگە چىقىدىغانغا بىر يىلمۇ قالمىغانلارغا تاكى پېنسىيەگە چىققۇچە سۇغۇرتا پۇلى تارقىتىش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن كىشىلەرنىڭ جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش سۇغۇرتا تولۇقلىمىسى سىياسىتىدىن بەھرىلىنىش مۇددىتى توشقان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشالمىغانلار سىياسەتتىن يەنە بىر يىل بەھرىلەنسە بولىدۇ. تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بار ئىشسىز قالغانلارنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ