شى جىنپىڭ رۇسىيە فېدېراتسىيەسى خەۋپسىزلىك يىغىنىنىڭ كاتىپى بىلەن كۆرۈشتى

2019.12.03 13:34 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2- چېسلا خەلق سارىيىدا جۇڭگو-رۇسىيە قانۇن ئىجرا قىلىش بىخەتەرلىك ھەمكارلىق مېخانىزمى يىغىنىغا ۋە جۇڭگو-رۇسىيە ئىستراتېگىيەلىك خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن رۇسىيە فېدېراتسىيە خەۋپسىزلىك يىغىنىنىڭ كاتىپى پاترۇشېف بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ يىل جۇڭگو بىلەن رۇسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى. مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەت ئالدىدا، جۇڭگو بىلەن رۇسىيە چوقۇم تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، باشتىن-ئاخىر سەمىمىي ۋە ئىشەنچلىك بولغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلاردىن بولۇپ، بىر-بىرىنى مۇستەھكەم ۋە كۈچلۈك بولغان ئىستراتېگىيەلىك قوللاش تەدبىرلىرى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ