مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭدا نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەشتىكى كۆچۈرۈش ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى

170 مىڭغا يېقىن كىشى يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىردى

2019.12.09 14:11 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قىش كىرىشتىن بۇرۇن، ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈركۈم نامرات دېھقان-چارۋىچىلار «بىر تەرەپنىڭ سۇ-تۇپرىقى بىر تەرەپ كىشىلىرىنى باقالمايدىغان» ئېگىزلىكتىكى تاغ ۋە قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىدىن كۆچۈپ چىقىپ، بوستانلىق، تۈزلەڭلىككە كۆچۈپ بېرىپ، دۆلەت ۋە يەرلىك ھۆكۈمەت تولۇقلىما بەرگەن بىخەتەر ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى. بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭدا «13- بەش يىللىق پىلان»دىكى نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەشتىكى كۆچۈرۈش ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملىنىپ، 40 مىڭ 126 ئائىلىلىك، 169 مىڭ 400 ئادەم يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى.

  قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ قاغىلىق ناھىيەسىدە 2017-يىلىدىن بۇيان، ئاقتاش ئورۇنلاشتۇرۇش رايونى شۇ جايدىكى ئۈچ تاغلىق رايوندىكى يېزا- بازاردىن كەلگەن 3150 ئائىلە، 14 مىڭ نامرات نوپۇسنى قۇبۇل قىلىپ، شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش رايونى بولۇپ قالدى.

  «يېڭى ئۆينىڭ ئىقتىدارى تولۇق ئىكەن، كارىۋات سېتىۋېلىپ، ئازراق يوتقان-كۆرپە، كىيىم-كېچەك ۋە ئاددىي كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئېلىپلا كۆچۈپ كىردۇق»، دېدى 58 ياشلىق تۇرامەت تۇنىياز. بۇلتۇر 11-ئايدا كەلكۈن ئاپىتى كۆپ يۈز بېرىدىغان چىپان يېزىسى قارا شور كەنتىدىن كۆچۈپ چىققاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولدى.

  مۇخبىر شىنجاڭنىڭ جەنۇبىدىكى نۇرغۇن كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش رايونىدا، تۇرامەت تۇنىيازغا ئوخشاش كۆچۈرۈلگەن دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ تۇرالغۇ مۇھىتىنىڭ زور دەرىجىدە ياخشىلانغانلىقىنى، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچكە كاپالەتلىك قىلىش» مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنغانلىقىنى، ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنىڭ كۆپىيىپ، نامرات ئائىلىلەر كىرىمىنىڭ ئاشۇرۇلغانلىقىنى كۆردى.

  قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ پوسكام ناھىيەسىگە جايلاشقان تۇڭئەن يېزىسى بىر يىلنىڭ ئالدىدا شىنجاڭنىڭ قۇرۇم تېغى رايونىدا يولغا قويۇلغان بىر قېتىملىق ۋىلايەت، ئوبلاست ھالقىغان، يېزا-بازارلار بىرلەشتۈرۈلگەن كۆچمەنلەرنى كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسى ئىدى. بۇ يەردە بىخەتەر تۇرالغۇ ۋە ماس قەدەمدە يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن سۇ، ئېلېكتىر تورى، يول، گاز قاتارلىق ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىدىن باشقا، يەنە بالىلار باغچىسى، باشلانغۇچ مەكتەپ، شىپاخانا، كەنت ئاھالىلىرى پائالىيەت مەركىزى ۋە گۈللۈك مەيدان يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن.

  كۆچۈرۈلگەن ئاممىنىڭ نامرات ئۆيلىرىنى يۆتكىشىگە ياردەم بېرىش، تۇرالغۇ شارائىتىنى ياخشىلاش ئاساسىدا، يەرلىك ھۆكۈمەت يەنە كارخانىلارنى ماكانلىشىشقا جەلپ قىلىش، كەنت ئاھالىلىرىنى ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشكە ئىلھاملاندۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، كۆچۈرۈلگەن نامرات ئائىلىلەرنى مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇردى، بېيىتتى. ئاقتاش ئورۇنلاشتۇرۇش رايونىدا، شۇ جايغا جەلپ قىلىنغان يەتتە زاۋۇت 4000 دىن ئارتۇق ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەپ، ھەر بىر ئائىلىدە ئاز دېگەندە بىر ئادەمنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇردى. بۇنىڭدىن باشقا، كۈنسېرى مۇكەممەللىشىۋاتقان يۈرۈشلەشكەن تۈرلەر يەنە نامرات ئائىلىلەرنى ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىش سۇپىسى بىلەن تەمىنلىدى.

  ھازىر تۇڭئەن يېزىسىدا 102 ئېغىز دۇكان ۋە 98 يايما ئورنى بار يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى قۇرۇلۇپ، كۆچۈرۈلگۈچىلەرنىڭ تىجارەت قىلىشىغا يول ئېچىلدى. «ئىشقا ئورۇنلاشقاندىن كېيىن، كۆچۈرۈلگەن دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ قىلىدىغان ئىشى، كىرىمى بار بولدى، روھىي قىياپىتىمۇ زور دەرىجىدە ئۆستى»، دېدى تۇڭئەن يېزىلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ شوۋخۇي.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ