مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەن جېڭ گۇۋاھنامە بىلەن كىنىشكىنى ئايرىش ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش سىنىقى خىزمىتى بويىچە تەربىيەلەش سەپەرۋەر قىلىشنى ئورۇنلاشتۇرۇش تېلېۋىزىيەلىك تېلېفون يىغىنىغا قاتناشتى

2019.12.03 14:54 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  گۇۋاھنامە بىلەن كىنىشكىنى ئايرىش ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش سىنىقى خىزمىتى بويىچە تەربىيەلەش، سەپەرۋەر قىلىشنى ئورۇنلاشتۇرۇش تېلېۋىزىيەلىك تېلېفون يىغىنى 12-ئاينىڭ2-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  خەن جېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: گۇۋاھنامە بىلەن كىنىشكىنى ئايرىش ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم ئۇللۇق خىزمەت. ئىسلاھاتنى چىڭ تۇتۇپ، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىدە بۇرۇلۇش ياساشنى تېزلىتىپ، مەمۇرىيەتنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇش كېرەك. مەسىلە يېتەكچىلىكى، نىشان يېتەكچىلىكى، نەتىجە يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، مەمۇرىي ئىجازەت تۈرلىرىنىڭ تېگى-تەكتىنى ئېنىقلاپ، بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ئىش بېجىرىشتىكى توسالغۇلار ۋە قىيىن نۇقتىلارنى توغرا پەملەپ، مەسىلىنى سىجىل ھەل قىلىش داۋامىدا ئىسلاھاتنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بازار سۇبيېكتىلىرىنى تېخىمۇ زور ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىش كېرەك.

  خەن جېڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئەركىن سودا سىناق رايونىدا گۇۋاھنامە بىلەن كىنىشكىنى ئايرىش ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش سىنىقىنى يۇقىرى سۈپەتلىك قانات يايدۇرۇپ، ئىسلاھات خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش لازىم. ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي تەلەپنى ياخشى ئىگىلەپ، تىزىملىك باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، كارخانىلارنىڭ تىجارەت ئىجازىتى ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى تىزىملىككە كىرگۈزۈپ باشقۇرۇپ، ئىسلاھات نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئىسلاھاتنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. «تۆت ئىشىكتىن كىرىش» چارىسىنى ياخشى ئىگەللەپ، تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنى بىۋاسىتە ئەمەلدىن قالدۇرۇش،تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنى ئەنگە ئېلىشقا ئۆزگەرتىش، ئۇقتۇرۇش ۋەدە بېرىشنى يولغا قويۇش، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار بويىچە، ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، تۈرگە ئايرىپ يولغا قويۇپ، ئىسلاھاتنى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئۇقتۇرۇش ۋەدە بېرىشتىن ئىبارەت بۇ ھالقىنى ياخشى ئىگىلەپ، ئالاقىدار قانۇن-نىزام ۋە كەسىپ ئۆلچىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت ۋە كارخانىلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، قانۇن بويىچە ئۇقتۇرۇپ قويۇش ۋە قانۇن بويىچە ۋەدە بېرىشنى يولغا قويۇش كېرەك. ئىش داۋامىدا ۋە ئىشتىن كېيىن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ تۆۋەن چەك تەلىپىنى ياخشى ئىگىلەپ، سەمىمىيەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «قارا تىزىملىك»نى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ياخشى يولغا قويۇپ، جامائەت پىكرىنىڭ نازارەتچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  ۋاڭ يۇڭ، شياۋ جيې يىغىنغا قاتناشتى. دۆلەتلىك بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى ۋە شاڭخەي شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى، جېجياڭ ۋە گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى يىغىندا سۆز قىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ