شى جىنپىڭ «2019- يىللىق سۇڭدۇ خەلقئارا مۇنبىرى»گە قاتناشقان چەت ئەللىك مېھمانلار بىلەن كۆرۈشتى

2019.12.04 14:59 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 3- چېسلا خەلق سارىيىدا «2019- يىللىق سۇڭدۇ خەلقئارا مۇنبىرى»گە قاتناشقان چەت ئەللىك مېھمانلار بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ جۇڭگونىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ ئەلنى ئەمىن تاپقۇزۇش يولى ۋە نۆۋەتتىكى خەلقئارا ۋەزىيەتكە بولغان قارىشىنى تونۇشتۇردى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، بۇنداق تارىخىي خاراكتېرلىك ۋاقىت كىشىلەرگە ھامان چۇڭقۇر قاتلامدىكى تەپەككۇر ئۇسۇلىنى ئېلىپ كېلىدۇ. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، جۇڭگودا ئۇلۇغ تەرەققىيات نەتىجىلىرى قولغا كەلتۈرۈلدى. مۇقىم بولغاندىلا ئاندىن يىراققا بارغىلى بولىدۇ. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى جۇڭگونىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ مۇقىملىشىشىدىكى ئەڭ تۈپ سەۋەب بولۇپ، پۈتۈن جۇڭگو خەلقىنىڭ چىن ھىمايىسىگە ۋە قوللىشىغا ئېرىشتى. بىز قەتئىي تۈردە ئۆزىمىز تاللىغان يولنى بويلاپ تەۋرەنمەي ماڭىمىز. جۇڭگو ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشتە داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. مېنىڭ جۇڭگونىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىم تولۇق.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ