مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى

2019.12.31 16:38 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 30-دېكابىر گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا، سەۋىيە باھالاش تۈرىدىكى ماھارەتچىلەرنىڭ كەسپىي سالاھىيىتىنى قەدەممۇقەدەم ئەمەلدىن قالدۇرۇش، ئىجتىمائىيلاشقان كەسپىي ماھارەت دەرىجىسىنى بېكىتىش؛ ئىجتىمائىي مۇلازىمەت ساھەسىدىكى سودا سۇغۇرتىسىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش تەدبىرلىرىنى بېكىتىپ، ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش قارار قىلىندى؛ پىيادىلەر كوچىسىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سودا مۇھىتىنى ياخشىلاپ، ئىستېمالنىڭ كېڭىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ماھارەت خادىملىرىنىڭ سەۋىيەسىنى باھالاشنى ھۆكۈمەت بېكىتىشتىن ئىجتىمائىيلاشقان دەرىجە بويىچە بېكىتىشكە ئۆزگەرتىپ، بازار ۋە جەمئىيەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشى ۋە تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىش كېرەك. بۇ، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بازارنى يېتەكچى قىلغان ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، ئىشلىتىش مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈشتىكى بىر مەيدان ئىنقىلاب بولۇپ، ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە ھۈنەرۋەن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇشنىڭ چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق.يىغىندا مۇنۇلار بېكىتىلدى: 2020-يىلى 1-ئايدىن باشلاپ جامائەت خەۋپسىزلىكى، جىسمانىي ساغلاملىق قاتارلىقلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان ئوت ئۆچۈرگۈچىلەر، بىخەتەرلىك تەكشۈرگۈچىلەر قاتارلىق يەتتە ئىش تۈرى قانۇن بويىچە ئىجازەت تۈرىدىكى كەسپىي سالاھىيەتكە تەڭشەلگەندىن سىرت، بىر يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، باشقا سەۋىيەنى باھالاش تۈرىدىكى تېخنىكا خادىملىرىنىڭ كەسپىي سالاھىيىتىنىڭ ھەممىسى دۆلەت كەسپىي سالاھىيەت مۇندەرىجىسىدىن تەرتىپلىك چېكىندۈرۈلىدۇ، ھۆكۈمەت ياكى ئۇ ھوقۇق بەرگەن ئورۇن بېكىتىپ كىنىشكا تارقاتمايدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كەسپىي ماھارەت دەرىجىسى تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ، دۆلەتنىڭ كەسپىي ئۆلچىمى ياكى باھالاش قائىدىسى تۈزۈپ ئېلان قىلىنىپ، ئالاقىدار ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ياكى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئۆلچەم ۋە قائىدە بويىچە كەسپىي ماھارەت دەرىجىسىنى باھالاش، گۇۋاھنامە تارقىتىشنى قانات يايدۇرىدۇ. ئىلگىرى تارقىتىلغان سەۋىيە باھالاش تۈرىدىكى تېخنىكا خادىملىرىنىڭ كەسپىي سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى داۋاملىق كۈچكە ئىگە بولىدۇ. يىغىندا ھازىرقى كەسپىي سالاھىيەتنى يولغا قويۇش ئاپپاراتلىرىنىڭ فۇنكسىيەسىنى تەڭشەشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، خىزمەتلەرنى جىپسىلاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلەش تەلەپ قىلىندى. سۈپەت باھالاش، ھەق ئېلىش قاتارلىقلارغا چېتىلىدىغان ئىش جەريانىدا، ئىشتىن كېيىن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ