لى كېچياڭ ياپونىيە باش ۋەزىرى ئەنبېي جىنسەن بىلەن سۆھبەتلەشتى

2019.12.26 16:56 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 25-دېكابىر چۈشتىن بۇرۇن دۇجياڭيەن خاۋشېڭ مېھمانخانىسىدا ياپونىيە باش ۋەزىرى ئەنبېي جىنسەن بىلەن سۆھبەتلەشتى.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتە جۇڭگو-ياپونىيە مۇناسىۋىتى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشىلىنىۋاتىدۇ، بۇ ۋەزىيەت ئاسان قولغا كەلگەن ئەمەس. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو-ياپونىيە مۇناسىۋىتىگە ئەھمىيەت بېرىدۇ، رەئىس شى جىنپىڭ سىز بىلەن بېيجىڭدە كۆرۈشتى. ئىككى تەرەپ جۇڭگو-ياپونىيە تۆت سىياسىي ھۆججىتىدە بېكىتىلگەن تۈرلۈك پىرىنسىپلارغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، تارىخنى ئۆرنەك قىلىش، كەلگۈسىگە يۈزلىنىش روھى بويىچە مەۋقەنى ھازىرغا قويۇپ، يىراقنى كۆزلەپ، سەزگۈر مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى توغرا يولغا قايتۇرۇش ئاساسىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  بۇلتۇر مەن ياپونىيەدە زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، باش ۋەزىر ئەپەندى ماڭا ھەمراھ بولۇپ خوككايدونى زىيارەت قىلدى. مەن بۈگۈن چېڭدۇدىكى دۇجياڭيەندە سىز بىلەن سۆھبەتلەشتىم، بۇ ساھىبخاننىڭ دوستلۇقى. ياپونىيەنىڭ جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە ئىككى تەرەپنىڭ تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى قانات يايدۇرۇشىغا ياخشى شارائىت ۋە كەيپىيات يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ