مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى: جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنىڭ قانداقلىقى ھەققىدە جۇڭگو خەلقى ئەڭ زور سۆز قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە

2019.12.11 14:20 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ 10- چېسلا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئالاقىدار دۆلەتلەر ئاساسىي پاكىتقا پىسەنت قىلماي، جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى قالايمىقان ئەيىبلەيدى، جۇڭگو بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنىڭ قانداقلىقى ھەققىدە جۇڭگو خەلقى ئەڭ زور سۆز قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە.

  شۇ كۈنى رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىدا، بەزى مۇخبىرلار مۇنداق سورىدى: 12- ئاينىڭ 10- كۈنى بولسا «دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى»دۇر. بەزى دۆلەتلەر جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇنى تەنقىدلىدى. جۇڭگو بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟

  خۇا چۈنيىڭ مۇنداق دېدى: ئالاقىدار دۆلەتلەر ئاساسىي پاكىتقا پىسەنت قىلماي، جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى قالايمىقان ئەيىبلىدى، جۇڭگو بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ .

  خۇا چۈنيىڭ يەنە مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنىڭ قانداقلىقى ھەققىدە جۇڭگو خەلقى ئەڭ زور سۆز قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە. بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى. بۇ، جۇڭگودا تارىخىي ئۆزگىرىش بولغان 70 يىل، شۇنداقلا كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىدا تارىخىي ئىلگىرىلەش بولغان 70 يىل. 70 يىل ئىلگىرى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو خەلقى قەد كۆتۈرۈپ ئازاد بولدى ۋە ئۆز ئىشىغا ئۆزى خوجا بولدى. 70 يىلدىن بۇيان، جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورنىدىن دەس تۇرۇش ۋە بېيىشتىن يەنە تەرەققىي قىلىپ ھازىرقىدەك قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ۋەزىيەتنى كۈتۈۋالدى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، خەلقنى مەركەز قىلغان كىشىلىك ھوقۇق ئىدىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئومۇمىيلىق پىرىنسىپى بىلەن ئۆز ئەمەلىيىتىنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ياشاش ھوقۇقى ۋە تەرەققىيات ھوقۇقىنى ئەڭ مۇھىم ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇق دەپ قاراپ، دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان جۇڭگوچە كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات يولىدا ماڭدى.

  خۇا چۈنيىڭ يەنە مۇنداق دېدى: بىز 1 مىليارد 400 مىليون كىشىنىڭ كىيىم-كېچەك ۋە يېمەك-ئىچمەك مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، ئەسلىدە نامرات قالپىقى بار 850 مىليونلۇق نوپۇس سانىنى ئازايتىپ، 770 مىليون كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، 250 مىليون ياشانغان كىشى، 85 مىليون مېيىپ كىشى ۋە 60 مىليوندىن ئارتۇق شەھەر-يېزا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئاھالىسىنى ئاساسىي كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، 1 مىليارد 400 مىليونغا يېقىن كىشىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئۇلارنى كىيىمى پۈتۈن ۋە قورسىقى توق بولۇشتىن يەنە ھاللىق سەۋىيەگە يەتكۈزۈشتەك تارىخىي ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردۇق. بىز دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كۆلەملىك مائارىپ سىستېمىسى، ئەڭ چوڭ كۆلەملىك ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى، ئەڭ چوڭ كۆلەملىك داۋالاش سىستېمىسى، ئەڭ چوڭ كۆلەملىك ئاساسىي قاتلام دېموكراتىك سايلام سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىياتىنىڭ تارىخىي سەھىپىسىنى يېزىپ، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ رېئال لايىھەسىنى كېڭەيتىپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ كۆپ خىللىقىنى تېخىمۇ موللاشتۇردۇق.

  بىز شۇنداق دەپ قارايمىزكى، ھەر قايسى تەرەپلەر كىشىلىك ھوقۇقنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ ۋە قوغداپ، «ب د ت نىزامنامىسى»نىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا تاللىغان كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات يولىغا ھۆرمەت قىلىپ، ئوبيېكتىپ، ئادىل ۋە غەيرىي تاللاشچان مەيداندا تۇرۇشى، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى سىياسىيلاشتۇرۇش ۋە قوش ئۆلچەم قىلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك. جۇڭگو باراۋەرلىك ۋە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا، ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىق ئارقىلىق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىيات ئارقىلىق كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈپ ۋە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ