مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ: شەرەپلىك تارىخنى قەدىرلەپ، سىياسىي خىسلەتنى مەڭگۈ ساقلاپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ۋە ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن قۇدرەتلىك ئىجابىي كۈچنى مۇجەسسەملەيلى

پۈتۈن ئارمىيىدىكى پېشقەدەم كادىرلار خىزمىتى ۋە «ئۈچ ئىلغار»نى تەقدىرلەش تېلېۋىزىيە يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

2019.12.10 13:45 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: رەئىس شى جىنپىڭ ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، پۈتۈن ئارمىيە پېشقەدەم كادىرلار خىزمىتى خادىملىرى، ئىلغار كادىرلار دەم ئېلىش ئورنى، دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان ئىلغار كادىرلار، ئىلغار پېشقەدەم كادىر خىزمەتچىلەر قاتارلىقلارنى تەقدىرلەش تېلېۋىزىيە يىغىنى 9- چېسلا بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مۇھىم يوليورۇق بەردى ۋە يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، ھەربىيلىكتىن دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان پۈتۈن ئارمىيەدىكى پېشقەدەم كادىرلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى، پۈتۈن ئارمىيەدىكى پېشقەدەم كادىر خىزمەتچىلەردىن سەمىمىي ھال سورىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئارمىيىدىن دەم ئېلىشقا، پېنسىيىگە چىققان كادىرلار بولسا، پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات ئىشلىرى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى، پارتىيە ۋە خەلق ئۇلارنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالمايدۇ. مەن دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان كادىرلارنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنۇتماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، شەرەپلىك تارىخنى قەدىرلەپ، سىياسىي خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ئورگانلار ۋە پېشقەدەم كادىرلار خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار پارتىيەمىز ۋە ئارمىيەمىزنىڭ ئېسىل ئىستىلىغا ۋارىسلىق قىلىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقىنى نۇرلاندۇرۇش يۈكسەكلىكىدىن چىقىش قىلىپ، پېشقەدەملەرنى ھۆرمەتلەپ، پېشقەدەملەرگە كۆيۈنۈپ، ئۇلارغا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن مۇلازىمەت قىلىپ، ئارمىيەنىڭ پېشقەدەم كادىرلار خىزمىتىدە يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن قۇدرەتلىك ئىجابىي كۈچنى مۇجەسسەملىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ