مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى مىچېل بىلەن تېلېفونلاشتى

2019.12.10 16:56 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 12-ئاينىڭ 9-كۈنى كەچتە تەكلىپكە بىنائەن ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى مىچېل بىلەن تېلېفونلاشتى.

  شى جىنپىڭ مىچېلنىڭ ياۋروپا كېڭىشىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەئىسىلىكىگە سايلانغانلىقى ۋە تەيىنلەنگەنلىكىنى تەبرىكلىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو-ياۋروپانىڭ ھەممىسى كۆپ تەرەپچىللىك، ئەركىن سودىنى تەشەببۇس قىلىدۇ، دۇنيا سودا تەشكىلاتى يادرولۇقىدىكى كۆپ تەرەپ سودا تۈزۈلمىسىنى قەتئىي قوغدايدۇ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ قائىدە بويىچە ئىش قىلىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە، جۇڭگو-ياۋروپانىڭ ئالاقە، ماسلىشىش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو-ياۋروپا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىش ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن بولۇپلا قالماستىن، يەنە دۇنياغا نۇرغۇن مۇقىملىق، ئېنىقلىق، ئاكتىپ كۈچ ئاتا قىلىدۇ. جۇڭگو ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكى ۋە يىراق كەلگۈسى نۇقتىسىدىن مۇئامىلە قىلىدۇ، جۇڭگو-ياۋروپا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ھەمكارلىق ھەمراھى، نۆل دەرىجىلىك رىقابەتچىلەر ئەمەس. جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا خىرىس ئەمەس، پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ. جۇڭگو- ياۋروپا مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ كەلگۈسى پارلاق. جۇڭگونىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا بولغان سىياسىتى سىجىللىق ۋە مۇقىملىقنى ساقلايدۇ، ئىلگىرىكىگە ئوخشاش ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللايدۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خەلقئارادا پائال ۋە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللايدۇ. ئىشىنىمەنكى يېڭى بىر نۆۋەتلىك ياۋروپا ئىتتىپاقى ئاپپاراتىمۇ جۇڭگوغا بولغان سىياسىتىنىڭ سىجىللىقى ۋە ئالدىن كۆرەرلىكىنى ساقلاپ، جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى داۋاملىق پائال، ئىجابىي راۋاجلاندۇرۇپ، جۇڭگو-ياۋروپانىڭ تىنچلىق، ئېشىش، ئىسلاھات، مەدەنىيەتتىن ئىبارەت تۆت چوڭ ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ پائال، ساغلام تەرەققىياتىغا ئورتاق تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو-ياۋروپا ھەمكارلىقىدا مول نەتىجىگە ئېرىشىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ