مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىز ئامېرىكىنىڭ شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك سۆزلىرىگە ئىنكاس قايتۇردى

شىنجاڭغا ھەۋەس قىلىشقا بولىدۇ، قارا سۈركەشنى قوبۇل قىلمايمىز

2019.12.11 15:47 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكىنىڭ «جۇڭگو ھۆكۈمىتى شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارغا ئازاب ئېلىپ كەلدى» دېگەنلىكىگە قارىتا، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ 10-دېكابىر مۇنداق دېدى: ئۇيغۇرلار جۇڭگودىكى 56 مىللەت چوڭ ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئاساسىي قانۇنىدا بېرىلگەن تۈرلۈك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكتىن تولۇق بەھرىمەن بولۇۋاتىدۇ، جۇڭگو بىلەن دۇنيادىكى كەڭ مۇسۇلمان دۆلەتلەرمۇ دوستانە، قويۇق مۇناسىۋەتكە ئىگە. «ئامېرىكا بۇنىڭغا ھەۋەس قىلسا بولىدۇ، لېكىن ئەگەر ئامېرىكا پىتنە-ئىغۋا توقۇپ، قارا چاپلاپ، تۆھمەت قىلسا بۇنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ».

  شۇ كۈنىدىكى قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا، بىر مۇخبىر مۇنداق دەپ سورىدى: 7-دېكابىر، ئامېرىكا ئارمىيەسى ھىندى-تىنچ ئوكيان قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى داۋىسېن جەنۇبىي دېڭىز، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى، G5 تورى قاتارلىق قارالمىلاردا جۇڭگوغا ھۇجۇم قىلىدىغان سۆزلەرنى قىلىپ، بۇ ساھەلەردە «جۇڭگو تەھدىتى» مەۋجۇت دېگەن. داۋىسېن يەنە «جۇڭگو ھۆكۈمىتى شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارغا ئازاب ئېلىپ كەلدى»، دېگەن. 10-دېكابىر ئامېرىكىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىمۇ بايانات ئېلان قىلىپ، جۇڭگونى شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئەھۋالىنى ياخشىلاشقا مۇراجىئەت قىلغان. سىز بۇنىڭغا قانداق ئىنكاس قايتۇرىسىز؟

  خۇا چۈنيىڭ: «ئامېرىكىدىكى ئالاقىدار زاتلارنىڭ سۆزلىرى بىزگە مۇنداق بىر پاكىتنى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتتى: ئامېرىكا بۈگۈنكى دۇنيادىكى دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەت بولۇپلا قالماستىن، يەنە دەرىجىدىن تاشقىرى يالغانچى ۋە يالغانچىلىقنى تارقاتقۇچى»، دېدى.

  ئۇ مۇنداق دېدى: ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر جۇڭگو شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارغا ئادەتتىن تاشقىرى كۆڭۈل بۆلدى، لېكىن ئۇلار بەلكىم ئۇنتۇپ قالغان بولۇشى مۇمكىن، ئامېرىكا دۇنيادىكى بىردىنبىر مۇسۇلمانلارغا قارىتا «مۇسۇلمانلارنى چەكلەش بۇيرۇقى» ئېلان قىلغان دۆلەت؛ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئامېرىكا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ ئىراق، سۇرىيە، لىۋىيە، ئافغانىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە ئۇرۇش مالىمانچىلىقى قوزغاپ، مىليونلىغان بىگۇناھ ئاممىنى تالاپەتكە ئۇچراتتى، بالا-قازاغا ئۇچرىغان بۇ دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى مۇسۇلمان دۆلەتلىرى.

  خۇا چۈنيىڭ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئۆزىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىدىكى قۇرامىغا يەتكەن %75 مۇسۇلمانلار ئامېرىكا جەمئىيىتىدە مۇسۇلمانلارنى زور مىقداردا كەمسىتىش مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، %69 ئادەتتىكى جامائەتچىلىكمۇ ئوخشاش قاراشتا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكا مۇسۇلمانلىرىنىڭ %50 ى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئامېرىكىدا مۇسۇلمان بولۇش تېخىمۇ قىيىنلاشتى، دەپ قارىغان. مۇسۇلمانلار ئىزچىل ئامېرىكىدىكى ئەڭ كەمسىتىشكە ئۇچراۋاتقان توپ. ئامېرىكا ئىسلام مۇناسىۋىتى كومىتېتىنىڭ 2018- يىلى 4-ئايدا ئېلان قىلغان دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، 2016-يىلىدىن بۇيان، ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمانلارغا قارشى تەشكىلاتلارنىڭ سانى ئىككى ھەسسە ئاشقان. 2017-يىلى ئامېرىكىدا يۈز بەرگەن مۇسۇلمانلارغا قارشى ۋەقەلەرنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىدىن كۆپرەكى فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى ئورگانلىرىنىڭ قۇتراتقۇلۇق قىلىشىغا ئۇچرىغان. 2018- يىلى ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلىمىدا، ئۈچتىن بىر قىسىمدىن ئارتۇق نامزات مۇسۇلمانلارنى تۇغما زورلۇق كۈچى ياكى قاش بىلەن كىرپىكنىڭ ئارىلىقىدا قالغان تەھدىت پەيدا قىلىدۇ، دېگەن، ئۈچتىن بىر قىسىمغا يېقىن نامزاتلار مۇسۇلمانلارنى ئاساسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىشنى مۇراجىئەت قىلغان ياكى ئىسلام دىنىنى دىن ئەمەس، دەپ تەرغىپ قىلغان. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئامېرىكىنىڭ مۇسۇلمانلار سىياسىتىگە، جۈملىدىن ئامېرىكا دۆلەت ئىچىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا كۈچلۈك كۆڭۈل بۆلۈشكە ۋە ئەندىشە قىلىشقا تولۇق ئاساسى بار.

  «ئۇيغۇر مىللىتى جۇڭگودىكى 56 مىللەت چوڭ ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى، ئۇيغۇر خەلقى ۋە جۇڭگودىكى باشقا 55 مىللەت خەلقى ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، بارغانسېرى ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈپ، جۇڭگونىڭ ئاساسىي قانۇنىدا بېرىلگەن تۈرلۈك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكتىن تولۇق بەھرىمەن بولماقتا. جۇڭگو دۇنيادىكى كەڭ مۇسۇلمان دۆلەتلەر بىلەن دوستانە، قويۇق مۇناسىۋەتكە ئىگە. ئامېرىكىنىڭ بۇنىڭغا ھەۋەس قىلىشىنى چۈشىنىشكە بولىدۇ، لېكىن ئامېرىكا تەرەپ پىتنە-ئىغۋا توقۇپ، قارا چاپلاپ، تۆھمەت قىلسا، بۇنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ»، دېدى خۇا چۈنيىڭ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ