مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ: ئىسلاھات ۋە يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نېفىت ۋە تەبىئىي گاز بايلىقىنى تەقسىملەش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە ۋە خەلق ئېھتىياجىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك

خەن جېڭ قۇرۇلۇش يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى

2019.12.10 13:48 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت نېفىت ۋە تەبىئىي گاز تۇرۇبا تورى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇرۇلۇش يىغىنى 9- دېكابىر بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بەردى. تەستىقىي يوليورۇقتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: دۆلەت نېفىت ۋە تەبىئىي گاز تۇرۇبا تورى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنى قۇرۇش بولسا، نېفىت ۋە تەبىئىي گاز كەسپى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، نېفىت ۋە تەبىئىي گاز بىخەتەرلىكى، ئۇنى مۇقىم تەمىنلەش قاتارلىقلارغا كاپالەتلىك قىلىشتىكى مۇھىم تەدبىر ھېسابلىنىدۇ. بۇ گۇرۇھ شىركەتنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى تەبرىكلەيمىز! شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىسلاھات ۋە يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىلمىي ھەرىكەت باشقۇرۇش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئادىل رىقابەتلىشىدىغان يۇقىرى ئېقىندىكى بايلىق بىلەن تەمىنلەش ۋە تۆۋەن ئېقىندىكى سېتىش بازىرىنى شەكىللەندۈرۈشنى قويۇۋېتىش ئارقىلىق ئىلگىرى سۈرۈپ، نېفىت ۋە گاز بايلىقىنى تەقسىملەش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە ۋە خەلق ئېھتىياجىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ قۇرۇلۇش يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ