مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ بېيجىڭ ـ جاڭجياكوۋ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىنىڭ پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى زور ئەھمىيەتكە ئىگە، قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرىنى يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەتتە ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك، دېدى

2019.12.31 16:40 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ-جاڭجياكوۋ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىدا 12-ئاينىڭ 30- كۈنى قاتناش باشلاندى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مۇھىم يوليورۇق بەردى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: 1909- يىلى بېيجىڭ-جاڭجياكوۋ تۆمۈريولى پۈتتى؛ 2019-يىلى بېيجىڭ-جاڭجياكوۋ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىدا قاتناش باشلاندى. ئۆز ئالدىغا لايىھەلەپ ياساش، يوقلۇقتىن بارلىققا كەلتۈرۈشتىن دۇنيانىڭ ئەڭ ئىلغار سەۋىيەسىگىچە، سائەتلىك سۈرئىتى 35 كىلومېتىردىن 350 كىلومېتىرغىچە، بېيجىڭ-جاڭجياكوۋ تۆمۈر يولى جۇڭگو تۆمۈريولىنىڭ تەرەققىياتىغا، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچىگە شاھىد بولدى. يۈز يىللىق تارىخقا نەزەر سالساق، بېيجىڭ-جاڭجياكوۋ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىنىڭ ئەھمىيىتى تېخىمۇ زور. پىلانلاپ قۇرۇشقا قاتناشقان بارلىق يولداشلارنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن ۋە يېڭى يىللىق سالام يوللايمەن!

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بېيجىڭ-جاڭجياكوۋ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇھىم يانداش قۇرۇلۇشى، ئۇنىڭ ئېچىلىشى قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ يانداش قۇرۇلۇشىدا يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنىڭ قولغا كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، باشقا تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلەرنىمۇ يۇقىرى ئۆلچەمدە، يۇقىرى سۈپەتتە ئىلگىرى سۈرۈپ، قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش لازىم.

  بېيجىڭ-جاڭجياكوۋ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى دۆلەتنىڭ «ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك تۆمۈريول تورى پىلانى» دىكى «سەككىز تىك، سەككىز توغرا» بېيجىڭ-لەنجۇ يولىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، شۇنداقلا بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇھىم يانداش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى بولۇپ، 2015-يىلى 12-ئايدا قۇرۇلۇش باشلانغان. بېيجىڭ-جاڭجياكوۋ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىنى ئېلىمىز ئۆز ئالدىغا لايىھەلەپ ياسىغان بولۇپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ ئىلغار بولغان، سائەتلىك سۈرئىتى 350 كىلومېتىر كېلىدىغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول. قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، بېيجىڭدىن جاڭجياكوۋنىڭ تەيزىچېڭدىكى قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئاساسىي مۇسابىقە مەيدانىغا بىر سائەت ئىچىدە بارغىلى بولىدۇ؛ ئارقىمۇ-ئارقا ئېچىلغان جاڭجياكۇۋدىن كۆكخوتقىچە، جاڭجياكوۋدىن داتۇڭغىچە بولغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولنىڭ تۇتاشتۇرۇلۇشى بىلەن بېيجىڭدىن كۆكخوتقا 2 سائەت 20 مىنۇت ئەتراپىدا، بېيجىڭدىن داتۇڭغا 1 سائەت 40 مىنۇت ئەتراپىدا يېتىپ بارغىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ